تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەن

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.02.27
duq-taiwan-yighin-0 تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق ھەيئىتى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ بىلەن كۆرۈشتى. 2025-يىلى 24-فېۋرال، تەيبېي.
RFA/Erkin Tarim

24-فېۋرالدىن 27-فېۋرالغىچە تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەيبېيدا ئېچىلغان يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ بىلەن كۆرۈشكەن. د ئۇ ق ھەيئىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇربان، د ئۇ ق ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارنى تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانچىئوس ۋۇ ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان. ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. بىز ئۇنىڭغا تەيۋەننىڭ خەلقئارادا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى، چۈنكى تەيۋەننىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن تەيۋەنلىكلەرنىڭ بىرلىكتە كوممۇنىست خىتايغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتۇق».

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ بىلەن خاتىرە بويۇم ئالماشتۇردى. 2025-يىلى 24-فېۋرال، تەيبېي.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ بىلەن خاتىرە بويۇم ئالماشتۇردى. 2025-يىلى 24-فېۋرال، تەيبېي.
RFA/Erkin Tarim

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىزنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. بىز ئۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرى، يەنى ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق. تەيۋەنلىكلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەمكارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باسۇرۇش سىياسەتلىرى، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە تەيۋەنگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەيۋەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىغا كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭلا دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتايغا قارشى كۈرەشتە تەيۋەننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ھەر جەھەتتىن قوللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

د ئۇ ق ھەيئىتى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. 2025-يىلى 24-فېۋرال، تەيبېي.
د ئۇ ق ھەيئىتى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. 2025-يىلى 24-فېۋرال، تەيبېي.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ تەيۋەننىڭ رەسمىي دۆلەت ئورگىنى بولغان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇر ھەيئىتىنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا كۈتۈۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈتۈۋېلىشنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بىز بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسىدە زور دەرىجىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالدۇق. بىز بۇنى مۇئاۋىن مىنىستىرنىڭ سۆزىدىن ئېنىق ھېس قىلدۇق. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى ۋە قۇربانلىقلىرىغا ئاپىرىن ئېيتتى، شۇنداقلا تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوستى ئىكەنلىكنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى ھەر دائىم قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىدى».

د ئۇ ق رەھبەرلىرى 21-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې، سابىق پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن قاتارلىق تەيۋەننىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەنمۇ ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.