د ئۇ ق تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

26-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان، دۇنيادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 30 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىرى قاتناشقان تېلېفون يىغىنىدا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا جىددىي ياردەم بېرىش ھەققىدە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى تېلېفون يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە ھازىرقى رەئىسى مۇھىتتىن جانۇيغۇر ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر يىغىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. يىغىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە قانداق؟ ۋە نېمە ياردەملەرنى بېرىش توغرىسىدىكى پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇھاكىمە قىلىندى.

26-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون يىغىنىغا يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان، كانادا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، قۇرۇلتاي فوندىنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ۋەكىللىرى ۋە نامى ئاتالغان ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىرلىكتە كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قېيىن ئەھۋالدا قالغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا دەرھال ياردەم قىلىشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپە دەپ بېكىتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر بولسا ھەممە دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ دەردى بىلەن بولۇۋاتقان پەيتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يۆتكەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان خەۋپنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن تۈپەيلى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىش مەركىزى قۇرۇشنىڭ قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

2016-2014-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق 8000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەگە كەلگەنىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار تۈركىيەدە قايتا ئىگىلىك تىكلەپ تۇرمۇشىنى قامداشقا تىرىشىۋاتاتتى. 11-مارتتا تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى بىمارى بايقىلىش بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىزمەت يەرلىرى، ئاشخانا، بازارلارنى ۋاقىتلىق تاقاش قارارى ئالغاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا توختالدى.

د ئۇ ق نىڭ 26-مارت كۈنى ئۆتكۈزگەن تېلېفون يىغىنىدا دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە چاقىرغان تۇنجى تېلېفون يىغىنى بولۇپ، 4 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا ئۇيغۇر دوختۇرلار كورونا ۋىرۇسىدىن قوغدىنىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدىمۇ دوكلات بەردى.