د ئۇ ق يىغىنىدا خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش قارارلاشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.09.08
duq-reisi-dolqun-eysa.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزگەن «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى سىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى ماي.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق 5-سېنتەبىر كۈنى ئىجرائىيە يىغىنى، 6-سېنتەبىر كۈنى دۇنيادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 70 تىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش قارارلاشتۇرۇلدى

ئىككىلا يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا 3-سېنتەبىر كۈنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى توغرىسىدا، 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مەزگىلىدە جەنۋەدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بارىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

سىن-كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى، 6-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى 70 ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى قاتارلىق رەھبەرلەر ئالدى بىلەن ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا دوكلات بەرگەندىن كېيىن نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر تېمىلار توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى رېئاللىق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خەلقئارا سوت تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختالدى.

د ئۇ ق نىڭ ئىككىلا يىغىنىدا 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 45-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مەزگىلىدە جەنۋەدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرگە ئوخشاش نۆۋەتتىكى مۇھىم پائالىيەتلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى قارارلاشتۇرۇلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا چۈشكەن ۋەزىپىلەر توغرىسىدىمۇ توختالدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارنى بولۇپمۇ ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسىگە ئىسپات يىغىشتا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ خىزمەتلەردە د ئۇ ق ئىلە زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقسا دەۋاغا زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن د ئۇ ق ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسپات توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 26-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇلغانىدى. مەزكۇر مۇنبەر ھەر ئاي ئىزچىل ھالدا يىغىن چاقىرىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.