ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسئەت 15 يىللىق كېسىلگەن
2020.05.10

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇزلۇق پروگراممىسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسئەت «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى» بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن.
ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ھەدىسى رەيھان ئەسئەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامەگە قارىغاندا، ئەكبەر ئەسئەت 2016-يىلى 20-فېۋرالدىن 15-مارتقىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا قاتناشقان.
ھالبۇكى ئۇ، ئامېرىكا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىتايغا قايتىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىشىنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى «مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش» قا چاقىرغان.
ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇللىيوتمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكبەر ئەسئەتكە ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمىتىمىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەكبەر ئەسئەتكە ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلغانلىقى، مېڭىسىنى يۇيۇۋاتقانلىقى ۋە ئەمگەككە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاپ كەلدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەكبەر ئەسئەت ئۇيغۇر دىيارىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن «باغداش» مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، مەزكۇر تور بېتىنىڭ 100 مىڭغا يېقىن قوللانغۇچىسى بار ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ماكس باكۇس 2014-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندا ئەكبەر ئەسئەتمۇ ماكس باكۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە تاللانغان بىر گۇرۇپپا سودىگەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
رەيھان ئەسئەتنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» كە ئېيتىشىچە، ماكس باكۇس ئەينى چاغدا ئەكبەر ئەسئەتنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەر تەربىيەلەش پروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ 2016-يىلى فېۋرالدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ، 3 ھەپتىلىك پروگراممىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئەينى چاغدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ھەدىسنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئاتا-ئانىسى ئېلىپ ئامېرىكىغا قايتا كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ خىتايغا قايتقان.
ھالبۇكى، ئۇ ئۈرۈمچىگە دەسسەپ 3 ھەپتىدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەدىسى رەيھان ئەسئەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئەكبەر ئەسئەت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزۈلگەن.
رەيھان ئەسئەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن «ئۆزگىرىش» تور بەتتە باشلىغان مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار سانى 500 گە يېقىنلاشقان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پروگراممىسى 1940-يىلىدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نوپۇزلۇق تەربىيەلەش پروگراممىلىرىنىڭ بىر بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللانغان 225 مىڭ ئادەمنى تەربىيەلىگەن. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى مارگارېت ساچىر خانىم، يېڭى زېلاندىيەنىڭ نۆۋەتتىكى باش ۋەزىرى جاسىندا ئاردېرەن قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى مەزكۇر پروگراممىغا قاتناشقان ئىكەن.