ئەكبەر سابىر: «ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگۈم بار»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
26 يىلدىن بېرى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىر قېتىممۇ يۈز كۆرۈشەلمىگەن 46 ياشلىق ئەكبەر سابىرنىڭ تۇتقۇندىكى ئىنىسى ئابدۇقادىر سابىر (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس).
26 يىلدىن بېرى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىر قېتىممۇ يۈز كۆرۈشەلمىگەن 46 ياشلىق ئەكبەر سابىرنىڭ تۇتقۇندىكى ئىنىسى ئابدۇقادىر سابىر (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس).
RFA/Azigh

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ۋە ئېتنىك كەمسىتىش سىياسەتلىرى تۈپەيلى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بىر نەچچە يىللىق زور كۆلەملىك تۇتقۇن سەۋەبلىك ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن، ۋەتىنىگە قايتالماسلىققا مەجبۇر بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا. بەزى ئۇيغۇرلار بولسا نەچچە ئون يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبلىك قورقۇش ۋە قايغۇ ئىچىدە ياشىماقتا. بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن، تۆت بالىنىڭ دادىسى ئەكبەر سابىر 26 يىلنىڭ ياقى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىر قېتىممۇ يۈز كۆرۈشەلمىگەن.

ئەكبەر سابىر 1974 يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئەكبەر سابىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1993-يىلى ئاتۇشتا بىر قىسىم ياشلار بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى ئادالەتسىزلىككە قارشى چىقىپ، 34 سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئاتۇش، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان. ئەكبەر سابىر ئۇ دەۋردە خىتايلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىگە ئۆلچەم قويۇلماي ياخشى ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ تازىلىق ئىشچىسى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1994-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى ئېتنىك كەمسىتىشكە قارشى مەزكۇر تەشۋىقات ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پاش بولۇپ قالغان. ئەكبەر سابىرنىڭ نۇرغۇن سەپدىشى تۇتۇلۇپ كەتكەن. ئەكبەر سابىر ۋە 4 سەپدىشى پاسپورتى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كەتكەن. ئەكبەر سابىرنىڭ زىيارىتىمىز داۋامىدا ئېيتىشىچە، تۇتۇلغان سەپداشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبلىك بەزىلىرى ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان، بەزىلىرى تۈرمىلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەكبەر سابىر بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەر ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ ئۇتتۇرۇشنى خالىمايمەن. چۈنكى قايسىسى ھاياتتا، قايسىسى ئۆلتۈرۈلدى، بىلمەيمەن. بۇلارغا زىيان-زەخمەت يېتىپ قىلىشتىن ئەنسىرەيمەن، ئازاب چېكىشىنى خالىمايمەن.»

ئەكبەر سابىر 1994-يىلىدىن بۇيان ئاتىسى سابىر ئۆمەر، ئانىسى تاجىگۈل ئابدۇقادىر ۋە تۆت ئوغۇل قېرىندىشى ھەم ئىككى قىز قېرىندىشى بىلەن قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇ 5 يىلدىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن. ئەكبەر سابىر ئىككى يېرىم يىل بۇرۇن ئابدۇقادىر ئىسىملىك ئىنىسىنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى ئالغان.

ئەكبەر سابىر 1994-يىلى قىرغىزىستانغا يېنىپ چىققان. پاسپورت مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى تۈپەيلى بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قېچىپ يۈرۈپ ئاخىرى 2001-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. تۈركىيەدە بىر مەزگىل تىجارەت قىلغان. ئەكبەر سابىرنىڭ ئېيتىشىچە، مەمەتجان ئىسىملىك خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىدا خىزمەت قىلىدىغان بىرى 5-6 يىلغىچە ئەكبەر سابىرغا تېلېفون قىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەشكە، قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان.

ئەكبەر سابىر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ قوپاللىقىغا ئۇچرىماسلىقى، ئاتا-ئانىسىغا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلغان. لېكىن بىر قېتىم يېرىم كېچىدە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە قايتا ئۇچرىغان ئەكبەر سابىر قاتتىق شەكىلدە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كىيىن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئاۋارىچىلىكىنى توختاتقان.

ئەكبەر سابىر ھازىر تۆت بالىسى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشايدۇ. ئۇ ھازىرغىچە ۋەتەندىكى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان. ئۇزۇن يىللىق ۋەتەن ھەسرىتى، ئۇزۇن يىللىق قېچىپ يۈرۈش، ئائىلىسىگە بولغان ئەندىشىسى ۋە روھى بېسىم سەۋەبلىك تەن سالامەتلىكىدىنمۇ ئېغىر چاتاق چىققان. ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتنى ياقلىغۇچى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانامنى قېرىنداشلىرىمنى كۆرگۈم بار. ھازىرغىچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىپ باقمىدۇق. كىشىلىك ھوقۇق مەۋجۇت بولسا ئاتا-ئانامنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى كۆرگۈم بار. ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگۈم بار. كۆپىنچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش، ئۇلار ئاتا-ئانام ھاياتتا بولسا، ئاتا-ئانامنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن، قىيىن قىستاققا ئالمىسۇن دەپ قورقۇۋاتىدۇ، گۇۋاھلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ قىلىۋاتقان زالىملىقىنى تەكشۈرۈشى ۋە قارشىلىق بىلدۈرۈشى لازىم.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت