ئەنگلىيەدىكى ئاقىللار ئامبىرى: خىتاي كورونا ۋىرۇسنىڭ زىيىنى ئۈچۈن 6.5 تىرىليون دوللار تۆلەم تۆلىشى كېرەك

ئەنگلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى يوشۇرۇپ، دۇنياۋى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن بىر نەچچە تىرىليون دوللار تۆلەم تۆلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

باش شتابى لوندونغا جايلاشقان ھېنري جېكسون جەمئىيىتى «كورونا ۋىرۇسى تۆلىمى» ناملىق دوكلاتىدا كورونا مەسىلىسىدە خىتاينى خەلقئارا سەھىيە نىزامنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە تۈرلۈك خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇلار دوكلاتىدا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك «گ 7» ئەللىرى تارتقان ئىقتىسادىي زىيان ۋە مەزكۇر ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ 6.5 تىرىليون دوللار بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇلار دوكلاتىدا «ئەگەر خىتاي بۇ ۋىرۇس ھەققىدە توغرا ئۇچۇر بەرگەن بولسا، ۋىرۇس خىتايدىن چىقىپ كەتمىگەن بولاتتى» دېدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 2019-يىلى دېكابىرنىڭ بېشىدىلا بۇ ئەجەللىك ۋىرۇس ھەققىدە خەۋەر تېپىپ بولغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى جامائەتتىن يوشۇرغان ۋە بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن دوختۇرلارنى جازالاپ، ۋىرۇسقا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىشتۇرۇۋېتىش بۇيرۇقى بەرگەن.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ئېرا» گېزىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 27-دېكابىردىلا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 200 ئادەمنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ھالبۇكى، خىتاي 2019-يىلى 31-دېكابىرغا كەلگەندە ئاندىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى يۇقۇم ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ ئەينى چاغدا خىتاينىڭ دېگىنى بويىچە ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقمايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرگە دېگۈدەك تارقاپ 1 مىليون 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 65 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكالىق ئادۋوكات لارري كلايمان باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئادۋوكاتلار تاجسىمان كورونا ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن زىيانلار ئۈچۈن خىتاي ئۈستىدىن 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق شىكايەت سۇنغان ئىدى.