ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-07-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-مارت، لوندون.
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-مارت، لوندون.
AFP

ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان «ئالتۇن دەۋرى» نىڭ ئاخىرلىشىپ «سوغۇق مۇناسىۋەت دەۋرى» گە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

20-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ يەنە 11 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭنى «ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ھەمدە خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقى بۈگۈن غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 20-ئىيۇل ئېلان قىلغان «لوندون خىتاي بىلەن بولغان ئالتۇن دەۋرىنى مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇردى» ناملىق ماقالىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى خوڭكوڭغا مەجبۇرى تېڭىپ خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئېغىر قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنىڭ خىتاي بىلەن ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» گە خاتىمە بېرىشكە سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 20-ئىيۇل ئېلان قىلغان «جونسون بېيجىڭ بىلەن توقۇنۇشقا كىردى» ناملىق ماقالىدا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك رابنىڭ بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان خىتايغا قارىتا ئېلان قىلىۋاتقان نۇتۇقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ماقالىدا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكەن خوڭكوڭ بىلەن بولغان كېلىشىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، ئەمدى ئەنگلىيەنىڭ بۇ قەدەمنى باسقانلىقى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى خوڭكوڭغىمۇ يۈرگۈزۈش قارارىنى ئالغانلىقى، پۇل-مۇئامىلە جازاسىنى چوڭ دۆلەتلەرگە كېڭەيىتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك رابنىڭ «بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش، شۇنداقلا خىتايغا خەلقئارادىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەت» دېگەن سۆزىگە ئورۇن بەرگەن.

ماقالىدا ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسوننىڭ 5گ تور ئېقىمىنى تاقاش، 3 مىليوندىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇقلارغا ئەنگلىيەنىڭ پۇقرالىق پاسپورتىنى بېرىش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى شەرھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك رابنىڭ خىتاينى «1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ماقالىدا «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتە ئىلگىرى ھۆججەتلىك دەلىللەرنى ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭنىڭ ئالدىنقى كۈنى بىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار قامىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى يەنە ئىنكار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەنگلىيەدىكى د ئۇ ق نىڭ ئىشخانا مۇدىرى رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن بۇنداق كەسكىن تەلەپپۇزدا تىلغا ئېلىنىشى ئەنگلىيەدىكى ھەر ساھە جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بارغانسېرى جىددىي كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۇرىخلىقلار گېزىتى» 21-ئىيۇل ئېلان قىلغان «خوڭكوڭنىڭ ئاخىرقى ۋالىيسى كىرىس پاتتېننىڭ سۆزى: خىتاي بىزنى ئۇنچىۋالا ئاسان قورقۇتالمايدۇ» ناملىق ماقالىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇناسىۋەتتە ئويناۋاتقان رولى تىلغا ئېلىنغان.

«يېڭى زۇرىخلىقلار گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوڭكوڭنىڭ 1997-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋالىيسى كىرىس پاتتېن ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «بۇنى بىز بېيجىڭنىڭ ھىندىستاندىن تارتىپ ئاۋسترالىيەگىچە بولغان تاشقى سىياسىتىدىن ياكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىنمۇ كۆرەلەيمىز. خىتاي ‹ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەھدىنامىسى› غا خىلاپلىق قىلماقتا. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك راب خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىنتايىن ئېغىر ۋە پاجىئەلىك رەۋىشتە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى» دېگەن.

ماقالىدا كىرىس پاتتېننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى كەسكىن جازا تەدبىرىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىلنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتۇۋاتقان سوغۇق پوزىتسىيەسىگە قارىتا «گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھىرىيىتىدە چوڭ بولغان باش مىنىستېر مەركىل ساقچى دۆلىتى بىلەن ئەركىن دۆلەتنىڭ پەرقىگە يېتىدۇ ۋە تاللاشقا توغرا كەلسە ئەركىنلىك تەرەپتە تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن» دەيدۇ.

ماقالىدا 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىدە خىزمەت قىلغان پاتتېننىڭ خىتايغا قارشى پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشىنىڭ قېيىنلىقىنى بىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ياۋروپا دۆلىتى بولغان گېرىتسىيە، ۋەنگرىيە، ئىتالىيەنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يۆلىنىپ قېلىپ خاتالاشقانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ «خىتايغا قارشى يېڭى ئىتتىپاق قۇرۇش» ناملىق بۆلىكىدە پاتتېننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ: «قانداقلا بولمىسۇن، پۈتۈن غەربتە، ھەتتا ھىندىستاندىن كورېيەگىچە، ياپونىيەدىن ئاۋسترالىيە ۋە كاناداغىچە بولغان دائىرىدە بىرلىككە كېلىپ خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا خىتايغا قارشى جازا قانۇنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەنگلىيەنىڭ خىتاينى جازالاشقا باشلىشىنىڭ ياخشى بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ تۇرغان ۋە ھېچكىم ئۆزىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتقان، لاگېرلاردا ئۇلار ‹ياخشى خىتاي› بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان، قويۇپ بېرىلىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىرى زاۋۇتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، تۈمەنلىگەن بالىلار ئاتا-ئانىسىز يېتىم قېلىۋاتقان، يەنى شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر مىللەت پۈتۈنلەي قىرغىن ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى جازا قانۇنىنى يولغا قويۇشى، ئارقىدىنلا ئەنگلىيەنىڭ ئۇنىڭغا ماسلىشىشىنى ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئىلگىرىلەش دەپ ئويلايمەن. پۈتۈن ياۋروپانىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت