ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزاسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.20
henry_smith.jpg ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزاسى ھېنرى سمىت.
Social Media

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزاسى ھېنرى سمىت يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى ئۈستىدىن باشلىغان تەكشۈرۈشلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «كراۋلي خەۋەرلىرى 24» قانىلىدا ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىدىنمۇ مۇھىمراق بىرەر تېما يوقلۇقىنى ئېيتتى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاز سانلىقلار خىتاي كوممۇنىست دىكتاتورلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىندى. شىنجاڭدىن چىقىۋاتقان رەسىملەرگە قارىغىنىمىزدا بۇلارنى دەرھال ناتسىستلار گېرمانىيەسى سادىر قىلغان جىنايەتلەرگە سېلىشتۇرماي تۇرالمايمىز.»

ئۇ يەنە ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى جىنايەتلىرىدە مەسئۇلىيىتى بار خادىملىرىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك جازا تەدبىرلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

16-سېنتەبىر، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.