يېقىندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گرېتسىيەنىڭ كرىت ئارىلىدا بولۇپ ئۆتكەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە 14-17 ياشلاردىكى ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.
«ئېلوردا ئاقپارات» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «پايتەخت تەنھەرىكەتچىلىرى گرېتسىيەدىن مېداللار بىلەن قايتتى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 24-25-ئۆكتەبىردە ئۆتكەن مەزكۇر مۇسابىقىگە 22 مەملىكەتتىن 600 گە يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئۇنىڭدا قازاقىستانلىق ياش تەنھەرىكەتچىلەر 5 ئالتۇن، 1 كۈمۈش ۋە 1 مىس ئالتۇنغا ئېرىشكەن.
«خابار 24» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «قازاقىستانلىق جىيۇ-جىتسۇچىلار گرېتسىيەدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىدە 4 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى» ناملىق ماقالىدە مۇسابىقە غالىبلىرىدىن سېرىك ئالدىيار، ئەنۋەر دىئاس، ئاخمېتجانوف ئەلىخان ۋە ئابزال زانغارنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆز تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بىز ئۆتكەنكى پروگراممىلىرىمىزنىڭ بىرىدە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەنۋەر دىئاسنىڭ مۇشۇ يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پايتەختى ئەبۇ-زەبىدە بولۇپ ئۆتكەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە دۇنيا چېمپىيونى نامىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. ئەنۋەر دىئاسنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن ئىدۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى خۇشاللىق ئىلكىدە قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۈچ ئادەم بىلەن چېلىشتىم. بىرىنچىسى گرېتسىيەنىڭ، ئىككىنچىسى ئىسرائىلىيە نىڭ بالىسى بولدى. بىرىنچى ئورۇنغا مەن رۇسىيەنىڭ بالىسى بىلەن چېلىشتىم. بىز 55كىلوگرامم سالماقتىكىلەر بىلەن چېلىشتۇق. ئۇنىڭدا ئون ئادەم بولدى. بىرىنچى ئورۇننى مەن، يەنى قازاقىستان، ئىككىنچىسىنى رۇسىيە، ئۈچىنچى ئورۇننى رۇمىنىيە بىلەن يەنە بىر قازاقىستانلىق ئالدى. قازاقىستاندىن يەتتە ئادەم بېرىپ، ھەممىسى مېدال بىلەن قايتتى. مەن يەنە بىر قېتىم قازاقىستاننىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈردۈم ھەم بۇنىڭغا خۇشال بولدۇم».
ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇ يىلى 20-ۋە 26-ئاپرېل ئارىلىقىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ مۇسابىقىسىگە 7000 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقانىدى. ئۇلار ئىچىدە ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمۇ بولۇپ، ئادىلەم ھوشۇروۋا، ئامىنەم مەشۈروۋا، گۈلمىنەم ئىمىنوۋا، ياسمىنا روزىيېۋا، ئەنۋەر دىئاسلار دۇنيا چېمپىيونى ئاتالدى.
بىز ئەنە شۇ بىر قاتار چېمپىيونلارنى يېتىشتۈرگەن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدىكى برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ كۇلۇبىنىڭ ترېنېرى ئىلشات ئوسمانوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىئاس بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۈچ دۇنيا مۇسابىقىسىگە بېرىپ كەلدى. بىرىنچىسى، ئەبۇ-زەبىدە بىرىنچى ئورۇن ئالدى. ئاندىن مۇشۇ يىلى ئىيۇندا موسكۋادا ئىككىنچى ئورۇن ئالدى. دىئاسنىڭ مۇنچىلىك ۋاقىتتا مۇنداق ئۇتۇققا ئېرىشكىنى ھەر بىر بالىنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. بىز ئاستانادىكى ئاكىمىز ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ قول ئاستىدا ياركەنتتە جيۇ-جىتسۇ تەنھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. مېنىڭ قول ئاستىمدا ھازىر 150كە يېقىن ئوقۇغۇچى بار. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى ئەنۋەر دىئاس دەپ ھېسابلايمەن. بىزگە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ياردەم بولمىدى. بالىلارغا ئاتا-ئانىلىرى، ياركەنرنىڭ ھامىيلىرى ياردەم قىلدى. بۇ قېتىم دىئاسقا جىقراق ئاتا-ئانىسى ياردەم قىلدى.»
ياركەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئەنۋەر دىئاسنىڭ ئانىسى ساھىدەم تېيىپوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دىئاسنىڭ گرېتىسىيەگە بېرىپ ئالتۇن مېدال ئېلىپ كەلگەنلىكىگە بىز، ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىلا ئەمەس، پۈتكۈل ياركەنت يۇرتى خۇشال بولدى دېسەم بولىدۇ. ئۆتكەندە ئەبۇ-زەبىگە بارغاندا بىز ئۇنىڭدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ئىدۇق. بىراق شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىرىنچى ئورۇن ئالغىنىدىن خۇشال بولۇپ، ئوغلىمىزنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشەندۇق. گرېتسىيەگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، دىئاسنىڭ ھەقىقەتەن بۇ تەنھەرىكەت تۈرىگە قىزىقىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. بىز بالىمىز دۇنياغا تونۇلسۇن، ئېلىمىزنى، خەلقىمىزنى خۇشال قىلسۇن دەپ تاپقان-تەرگىنىمىزنى ئايىماي شۇنىڭغا ئىشلىتىۋاتىمىز. بالىمىزنىڭ بۇ ئۇتۇقى ئۇنى تەربىيىلىگەن ئۇستازلىرىنىڭمۇ ئۇتۇقى. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ ترېنېرى ئىلشات ئوسمانوفقا يەنە بىر قېتىم چوڭ رەخمىتىمنى ئېيتىمەن. خەلقىمىز ئىچىدىن مۇشۇنداق بالىلار كۆپلەپ چىقىپ، بىزنى خۇشال قىلىۋەرسۇن دەيمەن.»
مەلۇمكى، تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن كۆپلەپ چېمپىيونلار چىقماقتا. مەسىلەن، مۇشۇ يىلى بىرۇنېي پايتەختى دارۇسسالام شەھىرىدە ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا چامباشچىلىق بويىچە ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىدە ئىلھام غاپپاروف 70 كىلوگرام سالماقتا 2-ئورۇننى، فارىڭىز غوپۇروۋا بولسا، 3-ئورۇننى ئىگىلىگەنىدى. يەنە بىر ياش قازاقىستانلىق بوكسچى ھېزىم ئىزباقى مۇشۇ يېقىندا ئامېرىكادا ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئىككى مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولدى. قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار كەسپىي بوكس بويىچە يەنە بىر پەرزەندى دىلمۇرات مىجىتوفتىنمۇ چوڭ ئۈمىدلەر كۈتمەكتە.