ئەردەنئاي ئۇيغۇر بۇ نۆۋەت «كەلگۈسىدىكى چولپان» تاجىسىنى كىيدى
2024.08.05
2024-يىللىق ئامېرىكا خانقىزى تاجىلىرىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى، ئوخشىمىغان ئىشتاتلاردا جىددىي داۋام قىلماقتا.
ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدا تۇغۇلغان 6 ياشلىق ئەردەنئاي ئۇيغۇر، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋە نەتىجە قازانغان تۇنجى ئۇيغۇر قىزى بولۇپ قالغانىدى. ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە ئەردەنئاي ئۆزىنىڭ يېشىدىن ھالقىغان تەمكىنلىكى، جاسارەتلىكلىكى بىلەن ئونلىغان مۇسابىقە باسقۇچلىرىدا يۈزلىگەن رىقابەتچىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋە تالانت تۈرىدە «چىمەن دوپپام» دېگەن ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ئورۇنداپ، ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.
ئوماق ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي ھەر قېتىم «ئۇيغۇر مەلىكە» دېگەن لېنتىنى ئېسىپ سەھنىگە چىققىنىدا ئۇيغۇر كىملىكى نامايان بولۇش بىلەن بىرگە، دادىللىقى ۋە تالانتى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ كەلدى ۋە ئىسمى جىسمىغا لايىق «ئۇيغۇر مەلىكە» بولۇپ قالدى.
«ئامېرىكا دۆلەت خانقىزى» ۋە «خەلقئارا خانقىزى» تاجىسىنى كىيىش ئىرادىسىدىن يانمىغان ئەردەنئاي، ئاپىسىنىڭ ھەر تەرەپتىن چېنىقتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، بۇ يىل تېخىمۇ جەسۇر روھ، ياخشى تەييارلىق، يېڭىچە قىياپەت بىلەن رىقابەتچىلىرىگە داۋاملىق جەڭ ئېلان قىلماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى باشلانغان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدا تۇغۇلغان ئەردەنئاي ھازىرغا قەدەر دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان، چۈنكى خىتاي ئۇنىڭ دادىسىغا پاسپورت بەرمىگەن. ئادالەت خانىم يالغۇز ئانا بولۇشىغا قارىماي، قەيسەرلىك بىلەن 6 ياشلىق ئەردەنئاينى ئەتراپلىق تەربىيەلەپ كەلمەكتە. ئەردەنئاي سەھنىلەردىكى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسەتلىرىدە، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسىنىڭ دادىسىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىپ، ئائىلىسىنى جەم قىلىش ئىكەنلىكىنى تەسىرلىك بايان قىلىپ، يېشىدىن ھالقىغان قەيسەرلىكىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
مۇسابىقىلەرگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قاتنىشىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرلۈك ئارزۇلىرىنى نامايان قىلىۋاتقان ئەردەنئاينىڭ، 4-ئاۋغۇست نېۋجېرسي ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئامېرىكا دۆلەتلىك شەرقى قىرغاق خانقىزلىرى مۇسابىقىسىنىڭ 2024-يىللىق «كەلگۈسىدىكى چولپان» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرمەكتە.
بۇ نۆۋەت ئۇ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتا لايىھەلەنگەن لىباسى بىلەن سەھنىگە چىقىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەندە قىلدى. نەق مەيدان ۋىدىيولىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقى، گۈزەل تەبرىكلىرى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
بىز ئەردانئاينىڭ يېقىنقى مۇسابىقە نەتىجىلىرى، ئالدىمىزدىكى مۇسابىقە تەييارلىقلىرى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى چوڭ مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ كىچىك چولپاننىڭ يېتەكچىسى ۋە ئانىسى ئادالەت سابىت خانىم بىلەن تەپسىلىي سۆھبەتتە بولدۇق.
بىر قانچە كۈنلۈك جىددىي مۇسابىقىلەر جەريانىدا ھېرىپ كەتكىنىگە قارىماي، ئۆزىگە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا رادىيومىز ئارقىلىق بىر ئېغىز بولسىمۇ تاتلىق سالام بېرىشنى ئۇنتۇمىغان ئەردەنئاي، سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى «مەن ئۇيغۇر ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئىپادە قىلدى.
«كەلگۈسىنىڭ چولپىنى» بولغان ئەردەنئاي ئۇيغۇر «دۇنيا خانقىزى» تاجىسىنى تالىشىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا.