كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىت ياردىمچى: «پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ب د ت دە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى ياخشى ئىش، لېكىن يېتەرلىك ئەمەس»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.09.20
rejep-tayyip-erdoghan-bdt.jpg تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلغان 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 19-سېنتەبىر.
AP

19-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابىدا ئېچىلغان 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، بىز بىلەن تارىخىي ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋىتى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى قوغداش سەزگۈرلۈكىمىزنى تەكىتلەشنى ۋە كۈنتەرتىپكە تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە پىرېزىدېنت ئەردوغان 13 قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان بولۇپ، پەقەت 3 قېتىملىقىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قېتىملىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇنىڭ بۇ باياناتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بىز بۇ ھەقتە تۈرك سىياسەتچى ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىيون بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پېشقەدەم دىپلومات ئۈمىت ياردىمچى ئەپەندى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ باياناتنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بەك ئاجىز بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى مۇھىم. تۈركىيەدە، باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە بۇ بايانات تازا يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەردە دۇنيانىڭ بارلىق مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بىز تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر سورۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئەنقەرەدىكى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ب د ت دىكى ئۆتكەن يىلدىكى ئومۇمىي يىغىندىمۇ ئوخشاش گەپنى دېگەنلىكىنى، لېكىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە بىر يېڭىلىق كۆرۈلمەيۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن ئەكرەم پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆپ سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەردوغان نۇتقىدا گەرچە خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا تەكىتلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم سىياسەتچى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنداق بىر بايانات بېرىشىنىڭ ناھايىتى زور جاسارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.