ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: «ئىمزا 100 مىڭغا يەتكەندە ب د ت ۋە تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز»

0:00 / 0:00

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە بويىچە ئىمزا يىغىش پائالىيىتى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە ھازىرغىچە 80 مىڭ ئىمزا يىغىلغانلىقىنى، يۈز مىڭغا يەتكەندە بۇلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كېلەچەك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ ئىپپىتى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارنىڭ ئىمانى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئىسكەنجىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا ۋە كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىدۇ».

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 22-ئىيۇن، ئەنقەرە، تۈركىيە.

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاش ئۈچۈن ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز كېلەچەك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن تۈركىيەدە ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بىر قانچە ئايدىن بۇيان بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى پارتىيەمىزنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن چاقىرغانىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن تۈركىيەدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم تاشلىدۇق».

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ ئىمزالارنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئىمزالارنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز. قېنى قاراپ باقايلى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇ ئىمزانى كۆرگەندىن كېيىنمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشنى داۋام قىلامدىكىن؟»

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى بۇ ئىمزالارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىمۇ سۇنىدىغانلىقىنى، پائالىيەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىككە ئېرىشكىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم تۈگۈمىگىچە بىز ئۈچۈن جىم تۇرۇش، سۈكۈتتە تۇرۇش ھارامدۇر».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، كېلەچەك پارتىيەسى باشلىغان ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان بولۇپ، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭغا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇشقا كىرىشكەن. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا 10 مىڭ 420 كىشىلىك ئىمزا يىغىلغان بولۇپ، بۇ ئىمزالارنى 17-فېۋرال كۈنى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە ھەمدە پارلامېنتتىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.