رادىيومىز تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندىكى ئۇكىسى ئەخمەت سۇلايمان قويۇپ بېرىلگەن

0:00 / 0:00

رادىيومىز تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 7 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنىلكى، بۇلاردىن ئۈچىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى بۇ يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىقى ھەپتىسىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دەلىللەنگەن ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا بۇلاردىن پەقەت بىرىنىڭ، يەنى سابىق يېزا باشلىقى ئەخمەت سۇلايماننىڭ يېىقىندا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئالاقىدار خادىملار تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلغۇچىلار، رادىيومىز تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 7 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىز ئۇلارنىڭ دېلوسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىمى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئىنىسى، سابىق يېزا باشلىقى ئەخمەت سۇلايماننىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئەخمەت سۇلايمان بىلەن يۈز كۆرۈشكەن-كۆرۈشمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ لاگېر ياكى تۈرمىدىن چىققان كىشىلەرنى يوقلاشقا بولمايدىغالىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەخمەت سۇلايمان خىزمەت ئىشلىگەن تەڭرىتاغ يېزىسىدىكى كەنت مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ئەخمەت سۇلايماننىڭ بۇنىڭدىن بىر ئايچە ئاۋۋال قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆتكەنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى ئەھەت سۇلايمان، ئىنىسى ئەخمەت سۇلايمان ھەمدە نەۋرە قېرىنداشلىرىدىن جېلىل ئوسمان، مۇھەممەت ئوسمان، ئېلى ئابلېلىم، ئابلاجان ئابلېلىم ۋە ئادىل ئابلېلىملەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، يەنى تۇتۇلۇشىغا نىمىلەرنىڭ باھانە قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. شۇ قېتىمدا تەڭرىتاغ يېزىلىق ساقچى خادىمى ئەخمەت سۇلايماننىڭ دۆلەت بىختەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ئەمەلدارلارنىڭلا خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

مەزكۇر كەنت خادىمى خىزمەت چەمبىرىكىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئەخمەت سۇلايماننىڭ كومپيوتېرىدىن «چاتاق» چىقىپ تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مەشھۇر خەير-ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجى قاتارلىق كۆپ ساندا تۇتقۇنلارنىڭ بىر قېتىم قويۇپ بېرىلىپ قايتىدىن تۇتۇلغانلىقى ۋە ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. قويۇپ بېرىلىشى رادىيومىز زىيارىتىدىن 10-15 كۈن كېيىنگە توغرا كەلگەن ئەخمەت سۇلايماننىڭ قىسمىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە نېمىنىڭ تەسىر قىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئىلگىرى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، قانۇن بىلەن باشقۇرۇلمايۋاتقان بىر دۆلەتتىكى دېلولاردا تاسادىپىي نەتىجىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت بولۇپ تۇرۇدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتتە تۇتۇلۇش ۋە قويۇپ بېرىلىشنىڭ پەقەت يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خاھشى ۋە پەيلى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.