ئۆتكەن ھەپتە تۇتقۇندىكى فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئابدۇخېلىلنىڭ قەشقەر تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى مەلۇم قىلدى. بۇ كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، قەشقەر تۈرمىسىنىڭ ئورنى يەكەن ناھىيەسىدە بولۇپ، ئىلگىرى يەكەن پەيلۇ دەپ ئاتالغان بۇ تۈرمىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۆلىمى كېڭەيتىلگەن ۋە نامى «قەشقەر تۈرمىسى» گە ئۆزگەرتىلگەن.
بىز بۇ كىشى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن قەشقەر تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تۈرمىنىڭ ساقچى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ بۇ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ، ئابدۇخېلىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە جازا سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شائىر تاھىر ھامۇت ئىلگىرى «قەشقەردىكى ھېكايە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا رېژىسسورلۇق قىلغان ۋاقتىدا، ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم بىلەن بىر مەزگىل كەسپىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇخېلىل مەزكۇر فىلىمغا 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. تاھىر ھامۇتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئابدۇخېلىل ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىدىكى غوللۇق سودىگەرلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ساھەدە، يالغۇز ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىلا كۆزدە تۇتقان ئەمەس. بۇ ساھەگە بەلگىلىك بىر مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قەدەم باسقان ئابدۇخېلىل، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىنىڭ ئۈن-سىن ساھەسىدە داۋالغۇش بولغان كېيىنكى يىللاردىمۇ، ھەتتا ئىككى يىل لاگېردا يېتىپ چىققاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ بۇ بازارغا بولغان ئىنتىلىشىدە پەسىيىش بولمىغان.
ئۇ 2016-يىللىرى ئۈرۈمچىدە بىر قانچە كىنوخانا ئېچىشى پىلانلىغان بولسا، 2019-يىلى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن، «دولان ئوقەتچىلىك شىركىتى» نىڭ ئورنىنى شېنجىنغا يۆتكەشكە ھەرىكەت قىلغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى قاماقخانىنىڭ شارائىتلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭدا ئاشقازان ئاغرىقى پەيدا بولغان. ئۇ ئاغرىق ھالىتىدە، بۇ يىل 4 -ئايدا ئۈرۈمچىدىكى قاماقخانىدىن قەشقەر تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن.
ئابدۇخېلىلنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئولتۇرۇشلۇق قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭبويى تەۋەلىكىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ئابدۇخېلىلنىڭ بۇنىڭدىن 3 ئاي ئاۋۋال قاماقخانىدىن تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتە كېسەل ھالەتتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرى، سىياسىي شاماللارنىڭ تەسىرىگە ئەڭ تېز ئۇچرايدىغان بىر ساھە بولۇپ، بۇ ساھەدە پۇت تىرەپ تۇرۇش كىشىلەردىن بەلگىلىك دەرىجىدە قەتئىي ئىرادە ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدىكەن.
تاھىر ھامۇت بۇنداق بىر نازۇك ساھەدە مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر سەرخىلىنىڭ، ھازىرقىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزگىلدە ھەرقانداق بىر باھانە بىلەن تۇتۇلىدىغان ۋە كېسىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يۇقىرىدا تۇتقۇندىكى فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىمنىڭ كېسەل ھالىتىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.