فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ 53 نەپەر ئەزاسى «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قۇردى

0:00 / 0:00

فىرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئازادلىق» گېزىتى فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ 53 نەپەر ئەزاسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

30-سېنتەبىر كۈنى فىرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئازادلىق» گېزىتى فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پارتىيەلەردىن قوشۇلغان 53 نەپەر ئەزاسىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا» ناملىق بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» غا فىرانسىيەدىكى «سوتسىيالىستلار ۋە ئىتتىپاقداشلار پارتىيەسى»، «ئېكېئولوگىيە ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى»، «بۈيۈك سولچىللار پارتىيەسى» قاتارلىق ئۈچ چوڭ پارتىيەنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى 53 نەپەر ئەزاسى ئىمزا قويغان.

«فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا» ناملىق خەۋەردە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇنداق بايانلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ: «2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان تۈركىي تىللىق خەلق-ئۇيغۇرلارغا قارىتا يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. 30-سېنتەبىر كۈنى پارلامېنتلار كوللېكتىپى خىتاينىڭ بۇ نومۇس لاگېرىنى تاقاش، قانۇننىڭ زومىگەرلىك، ۋەھشىيلىك ۋە ياۋايىلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى ئۈچۈن بىرلىشىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

خەۋەردە يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «بىر خەلقنىڭ يوقىلىشقا يۈزلىنىشى، بىر دۇنيانىڭ يوقىلىشقا يۈزلىنىشى بىلەن ئوخشاشتۇر. نۆۋەتتە خىتايدا بىر تراگېدىيە يۈز بەرمەكتە. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھاكىمىيىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.»

خەۋەردە يەنە مۇنداق كەسكىن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان: «2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ دۇنيا خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئىنسانىي قىممەتنىڭ بەربات قىلىنىشىغا كۆزلىرىنى يۇمۇپ كەلدى. ئۇيغۇر رايونى 21-ئەسىردىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان تۈرمىگە ئايلاندى. 13 مىليونلۇق ئاھالىگە ئىگە دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە بولغان كىشى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئېغىر ئازابقا دۇچار بولماقتا ۋە ئۆلتۈرۈلمەكتە. مەقسەت ئېنىق ھەم رەھىمسىز: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ مۇسۇلمان تۈركىي تىللىق خەلققە قارىتا ‹قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق› نى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.»

خەۋەردە جازا لاگېرلىرىدىكى شەپقەتسىز قىيناشلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، چەكسىز نازارەت، مەسچىتلەرنىڭ ھەم قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىلىشى، نارىسىدەلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى قاتارلىق پاجىئەلەرگە ئائىت پاكىتلارنىڭ بارغانسېرى كۆپلەپ ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق خۇلاسە قىلىنىدۇ: «پاكىتلار بۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي ۋە دىنىي جەھەتتىن ئوخشىمىغان قان سىستېمىسىغا تەۋە بىر مىللەتنىڭ پىلانلىق ھەم مەقسەدلىك ھالدا يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.»

فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ 53 نەپەر ئەزاسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

«فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا» ناملىق خەۋەردە «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نى قۇرغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇنۇلارنى تىلغا ئالغانلىقى ئىزاھلىنىدۇ: «ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن، باراۋەر ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغان بىر دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بۇنداق ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي تراگېدىيەگە دۇچ كەلگەندە سۈكۈت قىلىپ ھەم باش چۆكۈرۈپ تۇرۇۋالالمايدۇ. ۋاقىت قالمىدى، تارىخ بىزنى كۆزەتمەكتە. بەلكى بىز جىددىي رەۋىشتە ھەرىكەت قىلىدىغان زامان كەلدى. ئەگەر بىز ھېچقانداق بىر تەدبىر قوللانمىساق، ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەت ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياكى ھەپتىلەردە تېخىمۇ ئەشەددىلىشىدۇ. بىز ھېچ ئىش قىلمىغانلىقنىڭ قورقۇنچلۇق بەدىلىنى تۆلەيمىز.»

پارلامېنت ئەزالىرى سۆزلىرىدە يەنە «بۇ خىل يىرگىنچلىك جازا لاگېرلىرىنى جىددىي رەۋىشتە تاقاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ۋە كىشىلىك ھەقلىرىنى قوغداش، قانۇننىڭ زوراۋانلىق، ۋەھشىيلىك ۋە ياۋايىلىق ئۈستىدىن غالىپ ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش مەقسىتىدە ‹ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى› نى قۇرۇپ چىققانلىقى» نى تىلغا ئالغان.