جوۋ بايدىن G7 ئەللىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىدىكەن
2021.04.25

بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت (G7) گۇرۇپپىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىدىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى دالىپ سىنگىنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدىن بۇلارنى بۇ يىل ئىيۇن ئەنگلىيەدە ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت (G7) گۇرۇپپىسى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
دالىپ سىنگىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىندا ساغلاملىق بىخەتەرلىكى، كرونا ۋىرۇسىغا ماس قەدەملىك ئىقتىسادىي ئىنكاس قايتۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كونكرېت ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە G7 دۆلەتلىرىدىكى ئورتاق دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت (G7) گۇرۇپپىسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىنگىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن خىتايغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما G7 گۇرۇپپىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تىرىشىدىكەن.
ئۇ: «بىز مەۋقەيىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ ئىمپورت قىلغان تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغانلىقىنى بىلىش ھەققى بار. بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز سودا مۇناسىۋىتىمىزگە سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ G7 ئەللىرىدىن ئورتاق قىممەت قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كونكرېتنى قەدەم ئېلىشنى كۈتىدىغانلىقى، چۈنكى بۇلارنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل يانۋاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
شۇنىڭغا ئەگىشىپ، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.