گېرمانىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا مەبلەغ ئاجرىتىشىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
2024.11.22
خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەت ئەللەرگە «يۇمشاق كۈچ» بىلەن تەسىر كۆرسىتىش نىيىتىنىڭ بولغانلىقىغا قارىماي، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ياكى شەھەرلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە، يىللاردىن بېرى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 21-نويابىر كۈنى، گېرمانىيەنىڭ نۇرنبېرگ شەھىرىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا ھەر يىلى ئاجرىتىۋاتقان 37 مىڭ ياۋرۇلۇق مەبلەغنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلدا قايتا ئاجرىتىلىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە نامايىش ئېلىپ بارغان.
بۇ نامايىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن زۇنۇن بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ۋە كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى 2017-يىلى، تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتۈرۈپ، نەچچە مىڭلىغان جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ خەلقنى سولاپ، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئېلىپ باردى. 11 دۆلەت يۇقىرىقى ۋەھشىيلىكلەرنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، باۋارىيا ئىشتاتى نۇرنبېرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان بۇ ئىنستىتۇتنى تېخىچە قوللىشى بىمەنىلىكتۇر، ئۇلارنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا مەبلەغ ئاجرىتىشنى دەرھال توختىتىشى زۆرۈر».
بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇنقى بىر خەۋەردە، «گېرمانىيە رادىيوسى» بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ گېرمانلار تۆلەۋاتقان باج پۇلىغا تايىنىپ، گېرمانىيەدە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ-كۇشادە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. دەرۋەقە، گېرمانىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقان شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئىشتاتى نۇرېنبېرگ شەھىرى ئەنە شۇ شەھەرلەردىن بىرى ئىدى.
بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندىنىڭ رەئىسى ۋە قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە قۇرۇلتاينىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.
نۇرنبېرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا، 21-نويابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:30 دە باشلىنىپ ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان نامايىشتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە تىبەتنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھۆكۈمەتكە چاقىرىق قىلىپ سۆز قىلغان، بۇ نامايىشقا نۇرېنبېرگ شەھەر ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.