غۇلجادا بىر كۈندە ئاز دېگەندە 22 كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى
2022.09.20
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجادا ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە غۇلجىدىن مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدى. نەتىجىدە غۇلجا شەھىرىدە 24 سائەت ئىچىدە ئاز دېگەندە 22 كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى 3 نەپەر خادىم تەرىپىدىن دەلىللەندى.
يېقىندا تورغا چىققان بىر ئىنكاستىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھەر كېپەكيۈزى يېزا ئاھالىسى خالمۇرات ئۆمەر، قامال تەدبىرلىرى سەۋەبلىك جان ئۈزگەن. دېيىلىشىچە ئۇ، 7 كۈن كارانتىن قىلىنغاندىن كېيىن، ئائىلىسىگە قايتۇرۇلماستىن توكى ۋە سۈيى بولمىغان ئادەم ياشىغۇسىز ئورۇنغا يۆتكەلگەن ۋە يالغۇز قالدۇرۇلغان. ئوزۇق-تۈلۈكسىز ۋە بېقىشسىز قالغان خالمۇرات ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان.
بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجىدىكى ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار خالمۇراتنىڭ ئۆلۈم-سەۋەبى ۋە جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنلۈكتە ئاچلىق سەۋەبلىك ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى.
شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى خادىملاردىن بىرى، ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدە شەھەر بويىچە ئۆلگەن كىشىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا؛ «20» دەپ جاۋاب بەردى. بىز بۇ كىشىلەرنىڭ شەھەرنىڭ قايسى يېزا ياكى كوچا باشقارمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇشتۇمتۇت پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىپ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قايتا تېلېفون قىلماسلىقىمىزنى ئېيتتى.
غۇلجا شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى بىر خادىم، ئالدىنقى بىر كۈندە، يەنى 15-سېنتەبىر كۈنى شەھەر بويىچە قانچە كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «22» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما بۇ خادىممۇ ئۆلگۈچىلەردىن بىرقانچىسىنىڭ كىملىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز ئاخىرىدا غۇلجا شەھەرلىك ساقچى قوماندانلىق مەركىزىدىن 15-سېنتەبىر ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر ھەققىدە ھەر خىل سانلارغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى ۋە ئەمەلىي ساننى 100دىن ئارتۇق تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، بۇ تەخمىنىمىزنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇ دەرىجىدە كۆپ ئەمەسلىكىنى، پەقەت 21 ياكى 22 ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۈگۈن، 20-سېنتەبىر تۈركىيەدىكى مۇھاجىر ئابلىكىم ئابلىمىت غۇلجىدىكى دادىسى ئابلىمىت داۋۇتنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئالغان. ئۇنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، ئەسلىدە ساق-سالامەت بولغان دادىسى ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىكتىن ئۇشتۇمتۇت ئاغرىغان؛ ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ دادىسىنى داۋالىتىش تەلىپى جاۋابسىز قالغان ۋە نەتىجىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئىمكان بولماستىن 15-سېنتەبىر كۈنى ئۆيىدە جان ئۈزگەن.
يۇقىرىدا غۇلجا شەھىرىدە 15-سېنتەبىر كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا ئاز دېگەندە 22 كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.