سىتوكھولمدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.02.03
ghulja-weqesi-shiwetsariye-namayish-1 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇر ياش ئىليار سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 2-فېۋرال، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، غۇلجا خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇر خەلقى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ يەنە شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان بۇ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلار. 2025-يىلى 2-فېۋرال.
شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلار. 2025-يىلى 2-فېۋرال.
RFA/Hebibulla Izchi

مەزكۇر قانلىق ۋەقە شۇ دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلاردا پاجىئەلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. شۇ ۋاقىتتىكى بەزى شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمى غۇلجا كوچىلىرىدا قوللىرىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىن قىلغان ۋە نامايىشچى ئاممىغا زىمىستان قىشتا سوغۇق سۇ چېچىپ باستۇرغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

 خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ قېتىممۇ ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كانايلار بىلەن قىزىل ناخشىلارنى قۇيۇۋەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇ، نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەلمىگەن. ئابدۇللا كۆكيار يەنە بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن ئابدۇللا كۆكيار سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 2-فېۋرال، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن ئابدۇللا كۆكيار سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 2-فېۋرال، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ نامايىشقا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بىرلىكتىن نېجات ئەپەندىمۇ «نامايىشلارغا تەشكىلات ۋە شەخس قارىشىدىن ھالقىپ ئاۋاز قوشۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە بۇ قىرغىنچىلىقنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ھەر خىل نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزمەكتە، بۇ قىرغىندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.