دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنى قويۇۋېتىش چاقىرىقلىرى كۈچەيدى

0:00 / 0:00

12-ئىيۇن كۈنى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسى، ئۈرۈمچىدە پېنسىيەگە چىققان دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ 61 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى. بۇ كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، لاگېر ۋە تۈرمە جازالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلەندى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گۈلشەن ئابباس خانىمنى قويۇۋېتىش تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مەتتىۋ مىللېر 12-ئىيۇن كۈنى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئەركىنلىككە چىقىرىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«بۈگۈن گۈلشەن ئابباسنىڭ تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن 5-تۇغۇلغان كۈنى. ئۇنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارغا قاراتقان ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇ دەرھال قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشى كېرەك».

12-ئىيۇن يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىسى راشىد ھۈسەيىن ئەپەندىمۇ تىۋىتتىردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى. ئۇ تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا «گۈلشەن ئابباسنىڭ پەرزەنتلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلشەننى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىيلدمۇ بۈگۈن، يەنى 12-ئىيۇن تىۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلشەن ئابباس ۋە باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ئوخشاش قىسمەتلەرنى ياشاۋاتقان باشقا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

12-ئىيۇن كۈنى، دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى قاتارلىقلار ۋە ھەمدە يەنە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن ياڭ كىم خانىم، راجا كىرىشنامورتى(Raja Krishnamoorthi) قاتارلىقلارمۇ بايانات ئېلان قىلغان. ياڭ كىم خانىم باياناتىدا «گۈلشەن ئابباس ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان، مەن خىتاي كومپارتىيەسىنى ھەقسىز يەرگە تۇتۇلغان گۈلشەن ئابباسنى دەرھال ئازاد قىلىشقا چاقىرىمەن» دېگەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مېرىيام لېكسىمان ۋە ئەنگىن ئەرئوغلۇ قاتارلىق ئەزالىرى ۋە يەنە ئەركىنلىك سارىيى (Freedom House)، خىتايدا كىشىلىكنى قوغدىغۇچىلار(Human Rights Defenders in China)، توم لەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق فوندى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ چاقىرىق ئېلان قىلدى. يۇقىرىدىكى ئورگانلارمۇ گۈلشەن ئابباس خانىم ۋە شۇنىڭدەك بىگۇناھ مەھبۇسلارنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

روشەن ئابباس خانىم ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخسلەر ۋە ئورگانلارنىڭ چاقىرىقلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىۋاتقان ئالاقىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ قىزى زىبا مۇرات 12-ئىيۇن كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن يازما ئىنكاسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئاپىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئاپامنىڭ ناھەق يەرگە تۈرمىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان 5-تۇغۇلغان كۈنى. مەن پرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسىغا قارشى تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىنى ۋە تۈرمىگە قامالغان ئاپامنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى سورايمەن».

گۈلشەن ئابباس خانىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى 10-سېنتەبىر كۈنى يەنى سىڭلىسى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكادىكى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە سۆز قىلىپ، 6 كۈندىن كېيىن غايىب قىلىۋېتىلگەن. ئارىدىن 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوتلىنىپ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشقان.

ئۆتكەن ئاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تىپىك 3 دېلو ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەت ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباسلارنىڭ دېلوسىدا خەلقئارا قانۇن، ئەھدىنامە، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.