ياپونىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.09.30
yaponiye-tashpolat-teyip-guwahliq-2.jpg ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 29-سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان پەيتتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر پائالىيەتتە ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان 8 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ياكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. ئەخمەتجان لېتىپ، ئابدۇكېرىم، خەلمەت روزاخۇن، ئىسمائىل، مۇھاررەم باقى، زۆھرە، گۈلىستان ۋە سەيدۇللاھ قاتارلىق 8 كىشى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا 5 پارلامېنت ئەزاسى ۋە كۆپ ساندىكى مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلغان. بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە 5 پارلامېنت ئەزاسى ۋە كۆپ ساندا مۇخبىر ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيەتى ئەزاسى سەيدۇللاھ ئەپەندى چوڭ دادىسىدىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، بۇنداق قىلىشىدىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەلمەت روزاخۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى تاشپولات تېيىپقا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.

30-سېنتەبىر ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى 2 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىن ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مۇخبىرلار گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن سوئاللار سورىغان. خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى سوئال-جاۋاب قىسمىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى توغرىسىدا توختالغان. ئۇ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.