«ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئەنقەرەدە كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى
2024.09.23
دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگىنىگە 6 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېن كاردىن (Ben Cardin) باشچىلىقىدىكى ئونغا يېقىن پالاتا ئەزاسى 10-سېنتەبىر ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار باياناتىدا، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنداق بىر پەيتتە «ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 21-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
«ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا روشەن ئابباس خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى قۇتۇلدۇرۇش تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا تونۇتۇش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئاساسىي تېما قىلغان. بۇ فىلىمدا يەنە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار، دىپلوماتلار ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياكى لاگېرلاردا بولغان چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە، يۈرەك سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدىكى «مەڭگۈتاش» تىل مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش پائالىيىتىگە بەزى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە دوكتورانتلار ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز بۇ پائالىيىتىمىزگە ئەنقەرەدىكى تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار ‹ھەدەمنى ئىزدەيمەن› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى. بۇ فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە مەلۇم بىر مەلۇماتقا ئىگە بولدى ۋە خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمنى ھېس قىلدى. فىلىمنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلساق دېگەن كىشىلەر ئىدى، بۇلارنى بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن بولدۇق.»
بىز «ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېرمان تىلى ئوقۇتقۇچىسى دىلەك تاھىر خانىمدىن تەسىراتىنى سورىدۇق. ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىمنى پىچاق تىلغاندەك بولدى. ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئىشلار ئۆتۈپتۇ. مەن گېرمانىيەدە تۇغۇلدۇم، ئۇ يەردە يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاپ ۋە ئوقۇپ چوڭ بولدۇم. مەنچە، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەھۇدىيلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەردىنمۇ ئېغىر ئىكەن. بۇرۇن بۇلارنى پەقەتلا ئاڭلىغان ئىدۇق. ھېس قىلالمايتتۇق، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلمىنى رەسمىي ھېس قىلدۇق.»
بىز بۇ ھۆججەتلىك فىلىم توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە قاتناشقان ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورانتى ئەخمەت ئەرتان چۆلگەچەن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ھۆججەتلىك فىلىمدا شۇنى كۆردۈم، چەت ئەلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان ھالدا كۈرەش قىلىش لازىم. ئەكسىچە ئىش قىلغان تەقدىردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆردۈم. مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندىم.»
ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى، گەرچە بۇ فىلىم قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە بولۇۋاتقان پاجىئەلەرنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكالىق رېژىسسور جاۋىد مىر ئەپەندى ئىشلىگەن «ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر 30 دۆلەتتە 50 مەيداندىن ئارتۇق قويۇلغان. دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگىنىگە 6 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم بۇ ئاي ئىچىدە يەنە ئونغا يېقىن دۆلەتتە قويۇلغان.