خىتاينىڭ توسالغۇلىرى د ئۇ ق نىڭ ھىندونېزىيە زىيارىتىنى توسۇپ قالالمىدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.09.10
omer-qanat-hindoneziye-0 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى جاكارتادىكى ياش پائالىيەتچىلەرگە دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 1-سېنتەبىر، ھىندونېزىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان تۆت كىشىلىك ئۆمەكنىڭ ھىندونېزىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتى 7-سېنتەبىردە ئاخىرلاشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا، ئۇلار ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى خادىملىرى، ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، دىنىي جامائەت ۋەكىللىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا ئۇلار ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ھەمدە ئۇلارنى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرغان.

د ئۇ ق بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان تۆت كىشىلىك ئۆمەك ھىندونېزىيە كىشىلىك ھوقۇق قانۇن مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى بىلەن. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر، ھىندونېزىيە.

مەزكۇر ئۆمەك 3-سېنتەبىر كۈنى ھىندونېزىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇقى ئومۇمىي دىرېكتورى خارنىئاتى خانىم ۋە ياردەمچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ھەمدە يازما دوكلاتمۇ سۇنغان. بۇلاردىن سىرت ئۇچرىشىشتا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كونكرېت نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

د ئۇ ق بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان تۆت كىشىلىك ئۆمەك ھىندونېزىيە ئىسلامىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر، ھىندونېزىيە.

ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي ئەركىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ھىندونېزىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ زىيارەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ دۆلەتكە كېلىشىمىزدىكى سەۋەب، ھىندونېزىيە 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە ئىمزا قويماي قارشى چىققان ئىدى. شۇڭا مەقسىتىمىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش، شۇنداقلا ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت.»

د ئۇ ق بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان تۆت كىشىلىك ئۆمەك ھىندونېزىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر، ھىندونېزىيە.

د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جەرياندا ھىندونېزىيە پارلامېنتىدا بىر قاتار ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى پىلانلانغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن قىسمەن ئۇچرىشىشلار بىكار قىلىنغان.

زۇمرەتئاي ئەركىن خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنىڭ ھىندونېزىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان تۆت كىشىلىك ئۆمەك جاكارتادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياشلار بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 3-سېنتەبىر، ھىندونېزىيە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پىروگرامما دىرېكتورى پېتىر ئىرۋىڭ، د ئۇ ق خادىملىرىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ ھىندونېزىيەدىكى زىيارىتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچقۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. د ئۇ ق ھەيئىتى بۇرۇنمۇ، يەنى 2019-يىلىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم مالايسىيا بىلەن ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىپ، بىر قاتار پائالىيەت ۋە ئۇچرىشىشلاردا بولغانىدى. ئۇلارنىڭ مەزكۇر مۇسۇلمان ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشى بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.