ئىدرىس ھەسەننىڭ 12-ئاۋغۇستىكى سوتى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي تەدبىر ئالماقتىكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-08-11
Share
ئىدرىس ھەسەننىڭ 12-ئاۋغۇستىكى سوتى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي تەدبىر ئالماقتىكەن ئىدرىس ھەسەن ماراكەشكە مېڭىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Azigh

خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەشتە تۇتۇلغان كومپۇتېر ئىنژېنېرى ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى 12-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلىدىكەن. مەزكۇر سوتقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقارا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىنتايىن جىددىي مۇئامىلە قىلماقتا. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ماراكەش سوتىنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن جىددىي ھەركەت قىلماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئىدرىس ھەسەننىڭ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى بىلەن جىددىي سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى جىددىي تۇتۇپ ئىشلىمەكتىكەن.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا ئائىت ئالاھىدە خادىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆچمەن قۇبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىدرىس ھەسەننى ئۈچىنچى بىخەتەر بىر دۆلەتكە ساق سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادىل، خەلقئارا ۋە يەرلىك قانۇنلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە سوتلىنىشى ئۈچۈن ئادۋوكاتلار، مەتبۇئاتلار ۋە سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچىمەكتىكەن.

ئافرىقادىكى كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل بىر تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇر يار فوندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى ھەققىدە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاخبارات ئارقىلىق بېسىم قىلىشقا كۈچەيدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

مىلاد كاندىل ئەپەندىم مەزكۇر سوتقا باش ئاقلىغۇچى ئادۋوكات سۈپىتىدە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر يار فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادۋوكات سوتتىن ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىكەن.

ئىدرىس ھەسەننىڭ مەسىلىسىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە خادىم ئاجراتقان بولۇپ، بۇ ئالاھىدە خادىم سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلىش جەريانىغا كۆزەتكۈچىلىك قىلىدىكەن.

ئىدرىس ھەسەن نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىدرىسنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىدرىس ھەسەننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقىغا باغلاپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دىلنۇر خانىم يەنە بىر ماراكەشلىك ئۆكتىچىنىڭ خوڭكوڭدا تۇتۇلغانلىقىنى، ماراكەشنىڭ خىتايدىن بۇ كىشىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ماراكەش دائىرىلىرىگە ئىدرىسنى خوڭكوڭدا تۇتۇلغان ماراكەشلىك ئۆكتىچى بىلەن ئالماشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتتى.

ئەتە ئېچىلىدىغان سوت ئاخباراتقا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىغا ئوچۇق بولۇپ، ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ سوتقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بەزى مۇھىم خادىملارنىڭ، بەزى غەرب دۆلەتلىرى دىپلۇماتلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە سوتنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتنىڭ ئالاھىدە خادىمى لىندا خانىم ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتىغا ئۆزى بىۋاستە كېلىپ قاتنىشىدىكەن.

مىلاد كاندىل ئەپەندىم ئۇيغۇر يار فوندى مەسئوللىرىغا ئەتىدىكى سوتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر سوتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىجابىي كۆز قاراشلار كۆپ بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئەھۋال يەنىلا جىددىي ئىكەن. ئۇيغۇر يار فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملىكى نامەلۇم بىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتىغا تىلفۇن قېلىپ، نىمىشقا ئىدرىسقا ئادۋوكاتلىق قىلغانلىقى، كىم تەرىپىدىن ياللانغانلىقى، كىملەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مىلاد كاندىل ئەپەندىدىن سوئال سورىغان. ئادۋۇكات ئىنتايىن تەمتىرىگەن. بىز تەپسىلىي مەلۇماتنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئادۋوكاتىغا ئۇچۇر قىلغان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە تەھدىت سالماقچى بولىۋاتقان بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى ماراكەش ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ئۆز-ئارا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسى»، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنماسلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماراكەشكە سالغان ئىقتىسادىي مەبلىغى قاتارلىقلار ئىدرىس ھەسەن دېلوسىنىڭ جىددىيلىكىدىن ئۇچۇر بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت