11-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر گۇرۇپپا كىشى ماراكەش دۆلىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ ماراكەشتە قولغا ئېلىنغان ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار بىردەك، «ئىدرىس ھەسەنگە ئەركىنلىك!»، «ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۇلمىسۇن!» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى. نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئىنگلىز تىلىدا ماراكەش باش كونسۇلخانىسىغا خىتاب قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى ۋە ئۇنى ئەركىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كېيىن يەنە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر ئوبۇل سۆز قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇزەينۇر ئوبۇل مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئىستانبۇلدىكى ماراكەش كونسولخانىسىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا، يولدىشىم ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئىدرىس ھەسەن ھازىر ماراكەشنىڭ كاسابلانكا ئايرودرومىدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ تۇتۇپ تۇرۇلىشىدۇر. ئەگەر يولدىشىم خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇ ناھەق ئۆلۈمگە ۋە ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ماراكەش ھۆكۈمىتىنى يولدىشىمنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىككە ۋە زۇلۇمغا ئورتاق بولماسلىققا چاقىرىق قىلىمەن».

بۇزەينۇر ئوبۇل سۆزىدە يەنە غەرب ئەللىرىنى ئىدرىس ھەسەنگە ئىگە چىقىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوخشاش ۋاقىتتا باشتا تۈركىيە قاتارلىق پۈتكۈل غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئىگە چىقىپ، خىتاينىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يولدىشىم ئىدرىس ھەسەننى دەرھال قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە ھايات بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كونكرېت قەدەم بېسىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمەن».
بىز ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفون ئېلىنمىدى.
بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتچىلەردىن دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيولنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12-ئاۋغۇست كۈنى ماراكەشتە ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىن سوت ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ نامايىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ ماراكەش ھۆكۈمىتىگە ئازراق بولسىمۇ بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىشكە يول ئېچىشتۇر.
دوكتور بورھاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونسۇلخانا بىخەتەرلىك خادىملىرى نامايىشچىلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلغان ۋە باش كونسولخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغىچە بېرىپ نامايىش قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.
بۇزەينۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانا خادىمى ئۇنىڭ يولدىشىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماس ماتېرىيال ۋە رەسىمىنى قوبۇل قىلغان ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە دوكتور بۇرھان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ئاخىرىدا باش كونسۇلخانا خادىمى بۇرھان ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان ۋە بۇرھان ئەپەندى ئۇ كىشىگە ئىدرىس ھەسەن توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ھەم ئۇنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى سۇنغان. كونسۇلخانا خادىمى ماراكەشنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىلىكى بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ، ئەھۋالنى بىلدۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىپ ئېلخەت ئادرېسىنى بۇرھان ئەپەندىگە بەرگەن.
بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ئىدرىس ھەسەن بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىگە ئۇچۇپ بارغان. ئەمما ماراكەش دائىرىلىرى 20-ئىيۇل كۈنى كېچىدە ئىدرىس ھەسەننى كاسابلانكا خەلقئارالىق ئايرودرومدا تۇتقۇن قىلغانىدى.
ئىگىلىنىشچە ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي يول ماڭماقتىكەن.