ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكىتلەش ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى»

0:00 / 0:00

2016-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيەدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» 28-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ كېڭەيتىلىپ «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەنۋەر جان ئەپەندىنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئەنۋەر جان ئەپەندى ئالدى بىلەن بىزنىڭ «‹ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى› ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» غا كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى، مەقسىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئەنۋەر جان ئەپەندى ئىنستىتۇت تور بېكىتىدىكى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش مەزمۇن قىلىنغان سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلھام توختى ئىدىيەسىگە تارىخىي شەرت-شارائىت نۇقتىسىدىن قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاينىڭ يۈرىكى بولغان بېيجىڭدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىدەك بىر مۆتىدىل ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشتەك بىر ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەنۋەر جان يەنە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى دۇنياغا داۋاملىق ئاڭلىتىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىگەن ھەرقانداق بىر ئاۋازنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىدەك بىر رېياللىقنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر جان ئەپەندى يەنە 3 مىليوندەك ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە دۈشمەن كۆرۈپ باستۇرۇش نىشانىغا ئايلاندۇرغان بۈگۈنكىدەك بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن يەنە بىللە ياشاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىلھام توختى ۋە ئۇ قۇرغان «ئۇيغۇربىز» تورىنى يېقىندىن بىلىدىغان زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى ئىلھام توختى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇربىز» تورىدا «بۈركۈت» تەخەللۇسى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكلەر ھەققىدە خىتاي تىلىدا ئوبزور ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ 29-ئاپرېل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» غا كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ بۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئىلھام توختىنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئاشكارىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەينى چاغدا ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىدا ۋە ئۆز نۇتۇقلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدەك ئەڭ تۆۋەن تەلەپلەر سەۋەبىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلغان نۇر بەكرىدەك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھەممىنى پىدا قىلغان بىر قەھرىمان» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە بىزنىڭ «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توھتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى قويۇۋەتسە، سىزنىڭچە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى خىتاي بىلەن يەنە نورمال ياشاپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «3 مىليوندەك ئۇيغۇر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان، ئۇيغۇرلار ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغان مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە تارىخىي شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەرقانداق شەكىلدە ئۈمىد كۈتۈشىنىڭ ئىمكانى قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.