«ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.10.24
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆيىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2013-يىلى 4-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 52 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى گېرمانىيەگە جايلاشقان «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى بايانات ‍ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ تۈرمىگە تاشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاپتونومىيەسىنى تەنقىد قىلغان.

«ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىلھام توختىنىڭ ئىز-دېرىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا رەسمىي ئۇچۇر يوق بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى ئېرىنى يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «زىيارەتنى ئازايتىش، كۆرۈشۈش تەلەپلىرىنى رەت قىلىش، باستۇرۇپ قويۇش بۇيرۇقى ۋە ئائىلىسىدىن قەستەن ئۆچ ئېلىش قاتارلىقلار، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسىنى پەسكەش مۇئامىلىلەر ۋە پسىخىكىلىق قىيناقلار بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن.»

باياناتتا يەنە مۇندا دېيىلدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بولغان ئەندىشىسىمۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۆتكەن 5 يىلدىن بېرى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنى يوقلىشىغا يول قويۇلمىدى. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ مۇۋاپىق داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەي تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قازا قىلىشى پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتىۋەتتى.»

ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان «ساخاروف مۇكاپاتى»، «مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ۋە ئۇ يەنە ئۇدا ئىككى قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلان 26-ئۆكتەبىر بىر يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.