«ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا تاپشۇرۇلۇشى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىمۇ ھاياجانغا سالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.12.20
ilham-toxti-saxarof-mukapati-jewher.jpg ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ گۇۋاھنامىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرگە ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلدى. 2019-يىلى 18-دېكابىر، فىرانسىيە.
REUTERS

يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى مەركىزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا تاپشۇرۇلۇشى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى چوڭ ھاياجانغا سالدى. مەزكۇر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى ھەمدە مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئاساسىي تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

بۇ ۋەقە رۇسىيە، بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان ئوخشاش مەملىكەتلەرنىڭ رۇس ۋە قازاق تىللىق مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

«ئېۋرونيۇس» ئەخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «مۇكاپات قىزىغا تاپشۇرۇلدى» ناملىق ماقالىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايدىن ئىلھام توختىنى ھېچ قانداق بىر شەرتسىز تېز ئارىدا قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان ئەڭ مەشھۇر ئالىم ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، جەۋھەر توختى ئۆز نۇتقىدا بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن ھەمدە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

بېلورۇسىيەنىڭ «ناشا نىۋا» تور گېزىتىدا بېرىلگەن «2019-يىللىق ساخاروف مۇكاپىتى ئۇيغۇر ھوقۇق قوغدىغۇچىسىغا سىرتتىن بېرىلدى. ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدە ئاساسىي ئورۇن جەۋھەر توختىنىڭ نۇتقىغا بېرىلگەن. جەۋھەر توختى ئۆز دادىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئالدىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكىلىپىنى بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەمدى قازاقىستاندىكى ئەڭ ئاممىۋىي ئەخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىرى «جاس ئالاش» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ قىزى دادىسىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنى ئالدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا كۆپ تۆھپە قوشقان، ئومۇمەن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا تونۇلغان شەخس، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر زىيالىي ئىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتى بويىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى يېپىق ئورۇنلاردا تەخمىنەن مىليون ئېتنىك ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى قاماقتا ياتماقتا. بېيجىڭ بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي بىلىم بېرىش مەركەزلىرى» دەپ ئاتايدۇ، بىراق پائالىيەتچىلەر «قايتا سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىنىڭ» بىلىم بېرىش ئورنىدىن كۆرە تۈرمىگە كۆپرەك ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئازابلاش ۋە بېسىم كۆرسىتىشنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ».

ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشىنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار قانداق قارشى ئالدى؟ مۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى پۈتكۈل دۇنيادىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە، لاگېرلارنىڭ يېپىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟ 

بىز بۇ ھەقتە قاراشلارنى بىلىش مەقسىتىدە بىر قاتار قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا مۇراجىئەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.