ئىنتېرپولنىڭ يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان

0:00 / 0:00

23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) نىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئىستانبۇل ھالىچ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خۇ بىنچېن ئىنتېرپولنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە نامزات قېلىپ كۆرسىتىلگەن.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنتېرپولنىڭ ھالقىلىق ئورۇنلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھالىچ يىغىن زالىغا بېرىپ، خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان.

ئىنتېرپولنىڭ يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل.
ئىنتېرپولنىڭ يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل.

نامايىشچىلار 23-ۋە 24-نويابىر كۈنلىرى ھالىچ يىغىن زالىغا بېرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن يولدا توسۇۋېلىنغان. 23-نويابىر كۈنى نەق مەيداندىن تارتىلغان بەزى سىنلىق كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىللىرىدا، تۈركىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشنىڭ كۈنسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىنتېرپولغا سۇنماقچى بولغان تەلەپلىرى توغرىسىدا توختالدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، پائالىيەتچىلەرنىڭ قوراللىق قىسىم ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن توسىۋىلىنغانلىقىنى، نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ھالىچ يىغىن زالىنىڭ يېنىدىن ئۇزاقلىشىپ، ئەتراپتىكى ساھىلغا بېرىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر پائالىيەتكە بۇ يىل 7-ئايدا ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى ۋە ئۈچ بالىسىمۇ قاتناشقان.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇ بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئىنتېرپول تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك يولدىشىنىڭ تۈركىيىدە 4 قېتىم قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىدە خاتىرجەم ياشىيالمىغانلىقى سەۋەبلىك بىخەتەر بىر دۆلەتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بىراق مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك ئېرىنىڭ ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە تۆت ئايدىن بىرى ماراكەش تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر يىغىن 25-نويابىر كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، خىتاي كۆرسەتكەن نامزات خۇ بىنچېن ئىنتېرپولنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلىنالمىغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ خەلقئارا ئورگانلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۆلەملەشتۈرىۋاتقانلىقى ۋە جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.