خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مال يۆتكەش مۇلازىمىتىنى چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن توختىتىدۇ
2018.01.24
خىتاينىڭ چاغان بايرىمىغا يەنە 20 كۈندەك ۋاقىت بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈك يۆتكەش شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى ئىچىدىكى شەھەر، ناھىيەلەر ئوتتۇرىسىدا مال يۆتكەش مۇلازىمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
«شىنجاڭ روڭشېڭ مەبلەغ گۇرۇھى» غا قاراشلىق ئۈرۈمچىدىكى «تەڭرىتاغ مال يۆتكەش بازىرى» نىڭ يېقىندا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مال يۆتكەش مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 25-يانۋار مۇلازىمەتنى توختىتىشنى قارار قىلغان. تەڭرىتاغ مال يۆتكەش بازىرى ئۇقتۇرۇشىدا، چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكنى قوغداپ، مال يۆتكەش بازىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى توختىتىش، دەم ئېلىش خىزمىتىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكنى سەۋەب قىلىپ، يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۈك ۋە تېز سۈرەتلىك پوچتا يوللانما مۇلازىمىتىنى 2-قېتىم ۋاقىتلىق توختىتىشىدۇر. دائىرىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا چاقىرىلغان 19-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە يۈك يۆتكەش مۇلازىمىتىنى بىر قېتىم توختىتىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ مال يۆتكىشىنى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا چەكلىگەن ئىدى.
ئۈرۈمچىدىكى «تەڭرىتاغ رايونى مال يۆتكەش مەركىزى» نىڭ بىر مەسئۇل خادىمى، مال يۆتكەش توختىتىلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ، بىراق بۇنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار تەدبىر ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. ئۇ، بۇنىڭ چاغانلىق نورمال دەم ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، «شىنجاڭ روڭشېڭ مەبلەغ گۇرۇھى» نىڭ تارقاتقان «تەڭرىتاغ مال يۆتكەش بازىرى» نىڭ مۇلازىمىتىنى توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «سىزنىڭ نېمە ئىشىڭىز بارتى. بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى. پەقەت بۇ بىرقانچە كۈنلۈك دەم ئېلىش. بۇنىڭ مۇقىملىق بىلەن ئالاقىسى يوق» دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن. ئۈرۈمچىدىكى «يا لوڭ» ناملىق مال يۆتكەش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل يۆتكىشىگە بولىدىغانلىقى، بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا مال يۆتكەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەئە بىز يالوڭ يۈك يۆتكەش شىركىتى. يۈكنىڭ ئاپتوموبىل ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز. يۆتكەيدىغىنى ئاپتوموبىل بولسا ھازىر ياكى چاغان مەزگىلىدە يەنە يۆتكەشكە بولىدۇ. ئاپتوموبىل يۆتكەش توختىمايدۇ. ئىچكىرىگە بولسىمۇ يۆتكەيمىز. لېكىن، چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى جايلارغا مال يۆتكەشكە بولمايدۇ.»
ئۇ، «چاغان مەزگىلىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشكە بولىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا مال يۆتكەشكە بولمايدۇ»، دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ بىخەتەرلىك بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ھەئە، بۇ بىخەتەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇقىملىق سەۋەبلىك شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى جايلارغا مال يۆتكەش توختىتىلدى. بەلكى چاغان ئۆتكۈچە مال يۆتكەشكە بولمايدىغۇ، دەيمەن. 2-ئاي جەريانىدا مال يۆتكەشكە بولمايدۇ. بىزنىڭ شىركەت مال يۆتكىمەيدۇ، بىز ئاپتوموبىل يۆتكەيمىز. مال يۆتكەشنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىزگە ئۇقتۇرۇلمىدى» دېدى.
لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاغان مەزگىلىدىكى بۇ چەكلىمە ئۇيغۇر رايونى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە مال يۆتكەشكە چەكلىمە قويغانلىقى، خىتاينىڭ «تاۋباۋ»، «تيەنماۋ» قاتارلىق توردا مال سېتىش شىركەتلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە مال سالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت: «مېنىڭ ئالغان ئۇچۇرۇمدىن قارىغاندا ‹تاۋباۋ› دېگەن بىر شىركەت بار، توردا مال ئېلىپ-مال ساتىدىغان. بۇ شىركەت بايرام مەزگىلىدە بىزنىڭ ۋەتەنگە مال سالمايدىكەن. شۇ جايدىكى مۇقىملىقنى قوغداشقا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن. ئىككىنچىسى، تېز سۈرئەتلىك پوچتا يوللانمىسى، بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىمۇ شۇ رايوندىكى زاكاز قىلىنغان ماللارنى بايرام مەزگىلىدە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن خىزمەتنى توختاتقان. ئۇنىڭدىن سىرت ئۈرۈمچىدىن خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا پوچتا ئارقىلىق ماڭىدىغان ماللار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك.»
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇرۇن پوچتا يوللانمىلىرىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ زىيانلىق بۇيۇم ياكى ئەمەسلىكىگە قارىغان بولسا، ھازىر ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەر قانداق كىتاب، بۇيۇم ياكى نەرسىنى ئايرىم تەكشۈرىدىكەن. ئۇ، بۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھازىر پوچتىدا توختاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىپلا قالماي، رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ تەسىر قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا كۆز يۇمماقتا ئىكەن. دىلشات رىشىت، بۇنىڭغا خىتاينىڭ خاتا چوڭ خىتايچىلىق تەشۋىقاتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مىللەتكىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆزىگىمۇ تەسىر قىلىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى ئارقىلىق شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىدە خۇددى شۇ جاينى بۇلار قوغداۋاتقاندەك شۇنداق بىر تەشۋىقات پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن رايوندىكى كۆچمەن خىتايلار بۇنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇنداق تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە قېلىپ كۆزىنى يۇمدى. مەسىلەن، ئىنتېرنېت تاقالغاندا بىر مەزگىل ۋارقىراپ باققان بولسىمۇ، لېكىن تۈپ نېگىزلىك مەنپەئەتكە تاقاشقان ۋاقتىدا كۆزىنى يۇمدى.»
خىتاينىڭ چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن يۈك يۆتكەش مۇلازىمىتىنى توختىتىش ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان چېكى يوق ئامانلىق چارىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتلىق تەدبىرى، خالاس. ئۇ ئىلگىرى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قۇرۇپ، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋالغان. يۈز تونۇش ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۆيى، دۇكىنى ياكى ئىشخانىسىدىن 300 مېتىر يىراقلاپ كەتكەن نىشانلىق كىشىلەرنى تەقىب ئاستىغا ئالغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بارماق ئىزى، كۆز نۇرى، ئاۋاز ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، بۇنى بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا پايدىلىنىشقا باشلىغان. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى.