خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە «ئاق-قارا» ئالماشتۇرۇۋېتىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.01.26
خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە «ئاق-قارا» ئالماشتۇرۇۋېتىلدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى رەسمىي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن قارارىنى ئېلان قىلغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيوغا شەخسى ھۇجۇم قىلغان خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى.
Social Media

24-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە قاناللىرى ھەم باشقا مەتبۇئاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى رەسمىي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن قارارىنى ئېلان قىلغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيوغا شەخسى ھۇجۇمنى باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى «قىيامەتنىڭ ئالۋاستىسى پومپېيو چوقۇم تارىخ تەرىپىدىن سوت قىلىنىدۇ ۋە ھېساب سورىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو شىنجاڭنىڭ سىياسىتىنى ‹ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش›، ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش›، ‹مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش›، ‹مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش› ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ يالغان ئېيتتى. بۇنداق سىياسىيوننى دۇنيا خەلقى مۇقەررەر مەسخىرە قىلىدۇ، ئامېرىكا خەلقىمۇ مۇقەررەر نەپرەتلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى مۇقەررەر نەپرەتلىنىدۇ ۋە پىكىرلىرىنى رەت قىلىدۇ».

باياناتتا يەنە «پومپېيو جۇڭگوغا قارشى تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلار ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش ‹شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات دوكلاتى› نى ئىشلىتىپ شىنجاڭ سىياسىتىمىزگە ھۇجۇم قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلار جېڭ گوئېننىڭ جۇڭگوغا قارشى مىش-مىش پاراڭلارنى ياساش ۋە جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئاشكارىلىدى. ئۇ يازغان دوكلات سانلىق مەلۇماتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، پەرەز قىلىش ۋە رەقەملىك ئويۇن ئويناش بىلەن تولغان. ئۇ پۈتۈنلەي ئىلمىي يالغانچى ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ سىياسىي قورچىقى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جۇڭگوغا قارشى ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ ۋە تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى ئەمەس، بەلكى بەزى سىياسىيونلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋە ئىشلىتىلىدىغان جۇڭگوغا قارشى قورال. بولۇپمۇ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، ئۇزۇندىن بۇيان ئاساسسىز ۋە خام خىياللارغا تولغانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. پومپېيو ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمدى، ئەمما بۇ يالغانچىلىقلارنى ئۆلچەم قىلىپ، شىنجاڭ ھەققىدە توختىماي ‹ۋاراڭ-چۇرۇڭ› قىلدى، ھەمدە شىنجاڭغا ‹قالپاق كىيدۈردى›. ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقتا، ئەخلاقسىزلىقتا چېكى يوق.» دېگەندەك ھاقارەت خاراكتېرلىك ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن.

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى مۇھىم ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن.

ئادرىئان زېنز ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تىللاشلىرىغا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ ھۇجۇم قىلىشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال، بۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتتى. چۈنكى ئۇلار قىلىۋاتقان دەھشەتلىك ۋەھشىيلىكلەر توغرىسىدا نۇرغۇن پاكىتلار بار. شۇڭا ئۇلار ھۇجۇمنى شەخسلەرگە قاراتتى.»

مەلۇم بولغىنىدەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارى سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ شەخسى قارارى بولماستىن بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئىدى. مايك پومپېيونىڭ باياناتىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ئانتونىي بىللىنكېن ئاخبارات ئېلان قېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، پومپېيونىڭ بۇ قارارىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىنمۇ پرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى نەق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز،» دېگەنىدى.

«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» 24-يانۋار ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئېمىلىي خورنې «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گە مۇنداق دېگەن: «پرېزىدېنت بايدېن ئۇيغۇرلارغا قېلىنغان زۇلۇمنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدى ھەم ئۇ ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە بۇ سۆزىدە چىڭ تۇرىدۇ.»

ئادرىئان زېنز ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ خىل خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ بەلگىلىك قىممىتى بار، ھەمىشە يېزىلغان قۇرلار ئارىسىدىكى ھەقىقەتنى ئوقۇيدىغان كىشىلەر چىقىدۇ. تەجرىبىسى بار ھەر قانداق ئادەم ھەقىقەتنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى قانداق چۈشىنىشنى بىلسىلا، ئۇلارنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بار دەپ قارايمەن».

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى دۆلەت ئىچىدە مايك پومپېيو ۋە ئادرىيان زېنىزغا قارىتىلغان يۇقىرىقى باياناتنى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە قاناللاردا ئارقا-ئارقىدىن تارقاتقاندىن باشقا خىتاينىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى خەلقئارالىق تەشۋىقات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» 25-يانۋار «شىنجاڭ ئاھالىلىرى پومپېيونىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› توغرىسىدىكى يالغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن شەخسىي سىنلارنى يوللىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالىدە، «ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ 19-يانۋار كۈنى تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ‹خىتاي شىنجاڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى›، ‹خىتاي كومپارتىيەسى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك› دېگەندىن كېيىن ‹شىنجاڭلىق› نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ ھەش-پەش دېگۈچە پومپېيونىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تەشەببۇسىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ھېكايە قىلىدىغان سىنلارنى يوللاشقا باشلىغانلىقى» بايان قىلىنغان.

خىتاي مەتبۇئاتى تارقاتقان بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدە تۆت نەپەر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ياخشىلىغانلىقىنى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاپ ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن ۋاز كېچىشى» نى ئېيتقان.

26-يانۋار كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى داكى كاڭ ئۆزىنىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە ئەۋەتكەن كۆرسەتمىسىنى ئاشكارىلىغان. كۆرسەتمىدە مۇنداق مەزمۇنلار يەر ئالغان: ««ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار، يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ جۇڭگوغا قارشى قىلغان سۆزىگە جاۋابەن قىسقا سىن ئىشلەڭلار، سىن كۆرۈنۈشى ئۈچۈن 1) خىتاي تىلى ياخشى بولغان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنى تاللاڭ. 2) پومپېيونىڭ سۆزىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈڭ، مەسىلەن: ‹پومپېيونىڭ جۇڭگوغا قارشى سۆزىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، مېنىڭ ئۇلارغا بەك ئاچچىقىم كەلدى›. ئاندىن، پارتىيەنى، دۆلەتنى ۋە شىنجاڭنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ، مەسىلەن: ‹مەن جۇڭگولۇق›، ‹مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن›، ‹خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا خۇشالمەن›، دېگەندەك».

ئادرىئان زېنز ئەپەندى خىتاي دۆلەتلىك تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ تەشۋىقاتلارغا قارىتا مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ يالغان خەۋەر بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىغا ئېچىنىمەن. بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزىلىرى مېنىڭ دوكلاتىمنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي كۆزقارىشىنى ئاڭلاشنى خالايمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇنداق ئەركىنلىكى بولماسلىقى مۇمكىن».

ئادرىئان زېنز ئەپەندى يەنە ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ باشتىكى تەتقىقاتلىرىم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئىدى. كېيىنكى تەكشۈرۈشلىرىمدە بولسا ئىككى خىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى مەۋجۇت. بىرى ئۇلار ئەمگەك كۈچىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن زاۋۇتلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىش، يەنە بىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى لاگېر سىرتىدىكى ياشلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش.»

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە جىددىي تەدبىرلەرنى ئالغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى مارتتا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈرىي بېيېرنىڭ خىتاينى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى گۇمانلىق بولغان ھەرقانداق پائالىيەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاشقا چاقىرىدىغانلىقى، ھەرقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئادرىئان زېنز ئەپەندى مۇشۇ سەۋەبلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە قارشىلاشماستىن شەخس ئۈستىدىن بۇ مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۇلار يېڭى بايدېن ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلىشىش ياكى كەڭ قورساق پوزىتسىيەدە بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى يۇمشاق سۆزلەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. كۆزىتىشىمچە ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاشۇ پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئېنىقكى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا پومپېيوغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. شەخسلەرنى ئەيىبلەش دائىم ئەڭ ئاسان يول».

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتلىرى ۋە ئادرىئان زېنز قاتارلىق كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنغانلىق، دەپ باھا بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.