ئەنگىلىيەدىكى بورنېمۇت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشىنىش ۋە دۇنيانىڭ پوزىتسىيەسى» ناملىق لېكسىيە بېرىلگەن
2025.03.03
3-مارت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار ئەنگىلىيەدىكى بورنېموت ئۇنىۋېرسىتېتى (Bournemouth University)نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشىنىش، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ۋە دۇنيانىڭ پوزىتسىيەسى» ناملىق مەخسۇس لېكسىيە بەرگەن.
روشەن ئابباس بىلەن ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى» ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تايلاندتىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان. بۇنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
بۇ لېكسىيەگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيانە سىياسىتىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار ئۇلاردىن «خىتاي ھۆكۈمىتى سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلارنى بوغۇشقا تىرىشقانچە، سىلەرنىڭ قارشىلىقلار كۈچەيدىمۇ ياكى ئاجىزلاشتىمۇ؟»، «ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوللامدۇ؟»، «سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار بۇندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقان.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى دەلىللەپ كۆرسىتىدىغان فوتو سۈرەت، ۋىدىيو، رەسمىي ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى نەق مەيداندا كۆرسەتكەن. لېكسىيە ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، پىروفېسسورلار ئۇلاردىن نۇرغۇن سوئاللارنى سوراشقان ھەمدە بۇندىن كېيىن بۇ قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق سۆھبەتلەشكەن.
بۇ قېتىملىق لېكسىيەنى بورنېموت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى مەسىلىلىرى پىروفېسسورى رومان گېرودىموس ئەپەندى ئورۇنلاشتۇرغان. لېكسىيەگە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇچۇر-ئاخباراتچىلىق، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە خەلقئارا سىياسەت كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، يېتەكچى پىروفېسسورلار ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشقان. لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار لېكسىيە ئارىلىقىدا ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە روشەن ئابباسلار بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىلىق مۇھاكىمىلەر قىلىشقان.