د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.11.21
beryussel-ikki-jumhuriyetni-xatirilesh-1 د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە، 2022-يىلى 12-نويابىر، بېريۇسسېل.
RFA/Ekrem

20-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئېكران ئارقىلىق چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەنگلىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 70 نەپەر ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ۋە بەزى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىئىرى قاتناشتى.

20-نويابىردا بېرلىن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1:00 دە باشلانغان يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لوندوندىكى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›، ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتكەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر سوتنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغان 9-دېكابىر كۈنىنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ باياناتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى› دەپ جاكارلىغان ئىدى. مانا بۇ يىلقى 9-دېكابىر كۈنى يېقىنلاپ قالدى، شۇڭا بۇ كۈننى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە خاتىرلەش مەقسىتىدە بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىردۇق.»

پەرھات مۇھەممىدى، 9-دېكابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا قارار ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا 9-دېكابىر كۈنى پۈتۈن دۇنيادا ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرىمىز توغرىسىدا پىلان ۋە پروگراممالىرىمىزنى تۈزۈپ چىقتۇق، شۇنداقلا بۇ ھەقتە جىددىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدۇق. بىز ھازىردىن باشلاپ جىددىي تەييارلىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، 9-دېكابىردىكى بۇ كۈنى پۈتۈن دۇنيادا ناھايىتى زور كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ تارىخىي بىر قارار ئىكەنلىكىنى، بۇ سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەنلەردىن 100 كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىنى تاللاپ كىتابلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ كىتابنى ھازىرغىچە 5 تىلدا نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى، شۇڭا 9-دېكابىردىكى پائالىيەتنى پۈتۈن دۇنيادا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى تەكىلىدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» چىقارغان قارارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

20-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ماقۇللانغان قارار بويىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 8-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات كۇلۇبىدا، 9-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 7-دېكابىردىن 9-دېكابىرغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىىنگتوندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. 9-دېكابىر كۈنى يەنە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىدىكەن ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردە نامايش ئۆتكۈزۈدىكەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا 25-نويابىرگىچە پۈتۈن دۇنيادىكى تەشكىلاتلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاپ، پائالىيەت پىلانىنى د ئۇ قنىڭ مەركىزىگە بىلدۈرۈشى قارار قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.