9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
2024.12.11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 18-نويابىر كۈنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ-كۆلەمدە خاتىرىلەشكە چاقىرىق قىلغانىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتايغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ۋە ھەر خىل شەكىللەردىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-دېكابىر كۈنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان پارلامېنت گۇرۇپپىلىرى بىلەن بىرلىكتە توكيوغا يېقىن ياماتو دېگەن شەھەردە كوچا تەشۋىقات پائالىيىتى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇلاردىن سىرت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 8-دېكابىر كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى-7دېكابىر كۈنىدىكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار، بىزنى قوللاۋاتقان ياپونلار ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى قوشۇلۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا بىز ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار قىسقا نۇتۇقلار سۆزلىدى. ئاندىن سىرت بۇ ھەقتە مەخسۇس تەييارلىغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھېكايىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كارتون كىتابلار تارقىتىلدى. بۇ پائالىيەت ئىككى سائەت داۋاملاشتى.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغان، ۋاراقچا بىلەن كارتون كىتابنى ئوقۇغان ياپونلار، نامايىشچىلار بىلەن سۆزلىشىپ، «سىلەر چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، بىز سىلەرنىڭ ھەققانىي دەۋايىڭلارنى قوللايمىز» دېيىشكەن.
ئۇيغۇرلارنى قوللاش يەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى، كاناگاۋا ئۆلكىسى ياماتو شەھرىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ناكامۇرا كازۇئو ئەپەندى كوچا تەشۋىقات پائالىيىتى جەريانىدا كىشىلەرگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «يولۇچىلار، سىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاپ باقتىڭلارمۇ؟ مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا 21-ئەسىردە مۇشۇنداق ئىشمۇ يۈز بېرەمدۇ؟ دەپ، ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. بۇ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. ھازىر ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ توغرۇلۇق تەييارلىغان ۋاراقچىلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».
كوچا تەشۋىقات پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر زالدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئاندىن ساۋۇت مەمەت ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى ياپونىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يىل 8-دېكابىر كۈنى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياپونىيە پايتەختى توكيونىڭ ئەڭ ئاۋات جايىدا 14 مىللەتنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزگەن. ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر يىلى موڭغۇل ۋە تىبەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلەشمە پائالىيەت ئېلىپ باراتتۇق. ھازىر بىرلەشمە نامايىشقا قاتنىشىدىغان ئەزالىرىمىز كۆپەيدى. بۇ يىل 14 ئاممىۋى تەشكىلات قاتناشتى. مەسىلەن، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن سىرت مىيانمار، كامبودژا، ئىران ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا مەن لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتى چىقارغان قارار توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم؛ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلار تاكى ئەركىنلىككە ئېرىشمىگىچە بۇ كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئاڭلاتتىم. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامايىش ئېلىپ باردۇق».
-2021يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان كۈن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان 9-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەستە تۇتۇش، ئۇنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.