ئىستانبۇلدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن 41 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلاندى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2023.07.18
Umit-ghunchiliri-mukapatlash-murasimidin-kurunushler-2023-07-16-Istanbul-11 ئۈمىد غۇنچىلىرى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 16‏-ئىيۇل، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانى-LGS دا يۇقىرى نومۇر ئالغان 41 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 16‏-ئىيۇل، ئىستانبۇل

16‏-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلاچى بولۇپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى.

 ئۇ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىككى نەرسە مۇھىم، بىرسى سانائەتلىشىش؛ يەنە بىرسى ئىلىم ئېلىش. سانائەتلىشىش ۋە ئىلىم ئۆگىنىش، چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ھەم ئۆزىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلار قانچىلىك ياخشى ئوقۇيالىسا ۋە قانچىلىك ئىلگىرىلەپ ماڭالىسا، مىللىتىمىزنى شۇنچىلىك تونۇشتۇرالايدۇ، بۇمۇ بىر ھېسابتا دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ. بىزدەك زۇلۇم كۆرۈۋاتقان بىر مىللەت چوقۇم ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئۆزىمىز ياخشى ئوقۇيالمىغان تەقدىردىمۇ بالىلىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتۇشىمىز لازىم. ياخشى ئوقۇغان بالىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش، بالىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك» .

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن ماددىي-مەنىۋىي جەھەتتە كۈچ چىقارغان ئاتا-ئانا ۋە ئۇستازلارغا، شۇنداقلا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەرلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت، «ئۈمىد غۇنچىلىرى» ناملىق بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈشتە يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشنىڭ بۇ يىل 3-قېتىملىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. يۇقىرى نومۇر ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ھېس قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە بىز بۇ پائالىيەتنى باشلىدۇق. بۇ پائالىيەت يىلدىن يىلغا ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى تېخىمۇ چوڭ زالدا تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن، كېلەر يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلاشنى پىلانلاۋاتىمىز، بۇ پىلان ئەلۋەتتە قېرىنداشلارنىڭ ماددىي-مەنىۋى جەھەتتە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ» .

دوكتورانت ئابدۇرېھىم دۆلەت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇشى ئۈچۈن ئائىلىدىمۇ چىڭ تۇتۇپ يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا يەنە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىيھاجىم، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، تۈركىيەنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد رەشىد ئالاز، ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى خالىد بەيدۇن قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئۈمىد غۇنچىلىرى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 16‏-ئىيۇل، ئىستانبۇل

مۇراسىم ئاخىرىدا «ئۈمىد غۇنچىلىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپاتلار تارقىتىلىپ بېرىلدى.

 بۇ يىل تۈركىيدە تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا 488 نومۇر ئالغان ئابدۇلھەكىم خەلپەم ۋە ياقۇپ ئەلىئوغلى قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىككىسىگە بىردىن «ئالما» ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرى؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنىرە ئەمىن، لەيلە چايان قاتارلىق ئىككى ئوقۇغۇچىغا بىردىن HP ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرى؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نۇرۇللا ئەمىن ۋە غوجى ئابدۇللا قاتارلىق ئىككى ئوقۇغۇچىغا بىردىن «سامسۇڭ» تاختا كومپيۇتېرى مۇكاپات بېرىلدى. ئۇندىن باشقا، ئىمتىھاندا 400 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان 35 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىگە مىڭ لىرادىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.