ئىستانبۇلدىكى نامايىشتا ئۇيغۇرلار خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.10.03
ئىستانبۇلدىكى نامايىشتا ئۇيغۇرلار خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 73‏-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز بويىغا جەم بولۇپ، خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 73‏-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. ئىستانبۇلنىڭ سارىيەر رايونىدىكى خىتاي كونسۇلخانا ئالدىغا بارىدىغان كوچا ئېغىزىغا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇساق قويۇلغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانا تەرەپكە ھېچ كىمنىڭ ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلمىغاندىن كېيىن نامايىشچىلار دېڭىز بويىغا جام بولۇپ نامايىشنى داۋام قىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يولتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا باش ئەگمەيدۇ»، «زالىم خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «ئىنسانىيەت ئۇخلىما ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىق»، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 73‏-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.

نامايىش جەريانىدا بىر گۇرۇپپا ياشلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا موتسىكلىت بىلەن بىخەتەرلىكنى قوغداۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈردى.

نامايىش جەريانىدا 4 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا قىزلار يۈزلىرىگە كۆك ماسكا تاقىغان ھالدا ئۈستىگە قانغا ئوخشاش قىزىل رەڭ چېچىلغان، ئۇزۇن كېپەنگە ئوخشاش ئاق رەختنى كىيىپ، خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھالىتىنى نامايان قىلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ ئانادولىيە ئاگېنتلىقى، دېمۇرەرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنى ئوقۇدى.

ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 73‏-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، 1‏-ئۆكتەبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۇلمەتلىك قارا بىر كۈن بولغانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949‏-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنكى 73 يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغالىيەتكە ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، ئازادلىق كۈرىشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشغالىيىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر-ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈۋاتىدۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى بىزنىڭ تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى يوقىتىش. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىۋېتىدۇ. بىز خىتاينى بۇ ئىرقچىلىق رادىكال پوزىتسىيەسىدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىمىز. ب د ت ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تۈرك دۆلەتلىرى بىرلىكىگە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمىز».

ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 73‏-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.

ئاۋسترالىيەدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ قىلمىشلىرىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 73 يىل ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ھالدا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ ئىشغال قىلدى، شۇنىڭدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى، نەچچە مىليون ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى، مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگەككە سېلىندى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپلا قالماستىن بەلكى مەدەنىيەتلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بايلىقلىرىمىزنى بۇلاپ كېتىۋاتىدۇ، خەلقىمىزنى تۈرمىلەرگە تاشلىدى ھەم ئۆلتۈردى. باللىرىمىزنى تۇتقۇن قىلىپ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇردى، ئاياللىرىمىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى، تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئارقىلىق ئانىلارنى توغماس قىلدى، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلارنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئەھمەد بوزئوغلان 2022-يىلى ئىيۇلدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى يېقىندا ئاشكارا بولغانىدى.

نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

نامايىشتا سۆز قىلغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.