ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.05.03
ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلدى.
RFA/Arslan

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇ يىل 2 – ماي كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمى يېتىپ كەلدى، روزا ھېيت يىلدا بىر قېتىم تەبرىكلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى، بۇ بايرامدا ئەڭ ئاز 3 كۈن ھېيتلىشىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھېيت بايرىمىدا مۇسۇلمانلار ئۆز – ئارا بىر – بىرلىرىنى ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىپ دىدارلىشىدۇ،  ھال – ئەھۋال سورىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتىدۇ. جۈملىدىن گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار چەكلىمىگە ئۇچراپ روزا ھېيتنى خالىغانچە ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى بويىچە دىنى ئىبادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ، ھېيت - بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

جۈملىدىن 2 – ماي دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن روزا ھېيت كۈنى بولدى. ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنە ئىنانچ مەسچىتىدە،  سەفاكۆيدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىچىتىدە جەم بولۇپ روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

1.jpg
زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيت نامىزىدىن كېيىن جامى ئالدىدا روزا ھېيتنى تەبرىكلەشتى ۋە دۇئا قىلدى. 2022-يىلى 2-ماي، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ.

سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر مەسجىتىدە ئوقۇلغان روزا ھېيت نامىزىغا 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئاتاۋۇللا خەلپەت ھاجىم، مەخمۇتجان داموللا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

مەخمۇتجان داموللام سۆزىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 74 يىلدىن بۇيان كوممۇنىزمنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاتېزىم دەرسى ئوقۇپ تۇرۇپمۇ مۇسۇلمانلىقنى ساقلاپ قالغانلىقنىڭ چوڭ غەلىبە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بېسىملارغا چىداپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقنىڭمۇ چوڭ غەلىبە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق روھنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ۋەتەن خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى بىرلىكتە بېسىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈن يەنە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇدى.

تۈركىيەنىڭ دىنى ئالىملىرىدىن نۇرىددىن يىلدىز ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەن ھەسرىتى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇرلارغا تەسەللى بېرىپ ھېيت كۈنلەردە بولسىمۇ كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلماسلىققا،  تېخىمۇ چىداملىق بولۇشقا ۋە دىنى ئېتىقادى، مىللىي روھىي ۋە ئازادلىق ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

بۈگۈن يەنى 2 – ماي كۈنى، تۈركىيەنىڭ تونۇلغان دىنى ئالىمى، دەۋەتچى نۇرىددىن يىلدىز ئەپەندى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى:  «ئەجدادلىرىنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز ۋەتىنىدە، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم سىلەرگە سالام يوللايمەن!، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلى يېرىم ھالدا بىر ھېيتنى كۈتىۋالغىنىڭلارنى بىلىمەن ۋە ھېس قىلىۋاتىمەن. نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىر رامزان ئېيىنى ئۆتكۈزدۇق ۋە روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق، روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن شۇنى تىلەيمەنكى، كېلەر قېتىملىق ھېيتىڭلار تېخىمۇ ياخشى ۋە ئەركىنلىكىڭلارغا ئېرىشكەن بىر ھېيت بايرىمى بولسۇن، ئاللاھ ئىبادەتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن، ھېيتىڭلارنى مۇبارەك قىلسۇن، ئۆيىڭلەرگە ۋە كۆڭلۈڭلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن، قايغۇ – ئازابلىرىڭلارغا خاتىمە بېرىلسۇن، سىلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقان، سىلەرنى دىنىڭلاردىن، يۇرتۇڭلاردىن مەھرۇم قىلغۇچىلار قىلمىشلىرىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى ئاللاھتىن كۆرىدۇ».

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز ھازىر ئىسلام دۇنياسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان روزا ھېيت تەنتەنىسى، شاتلىقىغا چۆمەلمەي، كۈلپەت، ھەسرەت، ئازاب ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، مىليونلاپ خەلقىمىز تۈرمىلەر ۋە لاگېرلارغا قامىلىپ، ئىنسان ئەۋلادى كۆرمىگەن زۇلۇمنى كۆرۈپ ياشاۋاتىدۇ، سىرتتا ياشاۋاتقان بىزلەر چەتئەلدە ئازاد ۋە ھۆر دۇنيادا چىرايلىق ھېيتلىشىپ پەتىلىشىپ قىلىدىغان بىر شارائىتقا مۇيەسسەر بولغانلىقىمىزدىن بىر تەرەپتىن سۆيۈنسەك يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى ئاتا – ئانىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولۇپ قايغۇرماقتا، ئەمما كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدىمىز پارلاق! ئىنشائاللا!».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.