ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى تۈرك-ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.12.18
istanbul-senet-kechiliki-02

رەھىمە مەھمۇت «ئاچىل» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. 2024-يىلى 13-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-kechiliki-05

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 13-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-kechiliki-04

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 13-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-kechiliki-01

ياش سەنئەتچى شۆھرەت نۇر «مېنى يوقلار كىشى بارمۇ؟» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. 2024-يىلى 13-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

istanbul-senet-kechiliki-03

گۈلزادە تەڭرىتاغلى «لەيلىگۈل» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. 2024-يىلى 13-دېكابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

12-ئاينىڭ 13-كۈنى مەركىزى لوندوندىكى «مىراس يىپەك يولى سەنئەت گۇرۇپپىسى» نىڭ ئىجراسىدا ئىستانبۇلدا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. ئىستانبۇلدىكى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان تۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئەنگلىيەدە ياشايدىغان پىروفېسسور رايچىل خاررىس خانىم ۋە ئۇيغۇر سەنئەتچى ۋە پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «مىراس-يىپەك يولى سەنئەت گۇرۇپپىسى» سەھنىدە ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. رەھىمە مەھمۇت خانىم ئېيتقان «ئاچىل»، «ئانارگۈل»، شۇنداقلا «ناۋا» مۇقامىنىڭ «جۇلا» سى قاتارلىق ناخشىلارغا ئۇيغۇر مۇزىكىسى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور رايچىل خاررىس خانىم دۇتار، دىلزات تۇردى داپ، شۆھرەت نۇر راۋاپ بىلەن تەڭكەش قىلىپ مۇزىكا ئورۇنلاپ، زالدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ سەنئەت كېچىلىكىگە ئىستانبۇلدىكى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ قەشقەر خەلق ناخشىلىرىدىن «لەيلىگۈل» دېگەن ناخشىنى ۋە باشقىلارنى ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىدىكى ھەتتا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان تۈرك تاماشىبىنلارنى، خىتاينىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كۆپ يىللاردىن بۇيان ۋەتىنىگە بارالماي مۇساپىرچىلىق دەردىنى تارتىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ ھاياجانلاندۇردى.

بىز بۇ سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم ئۆزى ئېيتقان «لەيلىگۈل» ناخشىسىنىڭ قەشقەرنىڭ ئەڭ قەدىمى ۋە يەرلىك مىللىي خاراكتېرلىك خەلق ناخشىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە قىممەتلىك تەۋەررۈك ناخشا-مۇزىكا بايلىقى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم، بۇ سەنئەت كېچىلىكى پىروگراممىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ پىروگراممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، يوقىلىپ كېتىشكە يۈز تۇتۇۋاتقان مەدەنىيىتىمىز ۋە سەنئىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىز تەربىيەلىگەن بالىلار بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تېخىمۇ مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا تىرىشىمىز».

بىز بۇ ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تارىختا دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئىنسانلىق مەدەنىيىتىگە ناھايىتى كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان، بولۇپمۇ سەنئەت ساھەسىدە مىسلىسىز چوڭ تۆھپىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بىزنىڭ ئون ئىككى مۇقاملىرىمىزمۇ دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان».

ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىراس يىپەك يولى سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەتلىرى ئارقىلىق بىر قانچە دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇشۇنداق كونسېرتلارنى بېرىشى چەت ئەلدە كۆڭلى يېرىم بولۇپ ۋەتەنگە بولغان ھەسرىتى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتقان ۋە ئالاقىلىشىش ئىمكانى بولماي ئۇ يەردىكى ئەھۋاللاردىن ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتقان خەلقىمىزگە ئازراق بولسىمۇ قايغۇسىنى يېنىكلىتىش، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشىنى يەڭگىللىتىش ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ياش-ئۆسمۈر بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر سەنئىتى-مۇزىكىسى بىلەن تونۇشتۇرۇش جەھەتلەردە ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە».

بىز يەنە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىسى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى بۇ سەنئەت كېچىلىكىدىن ئالغان تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مىراس يىپەك يولى سەنئەت گۇرۇپپىسى ئىستانبۇلدا مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى، بولۇپمۇ شاھ مەشرەپنىڭ ‹مېنى يوقلار كىشى بارمۇ› دېگەن ناخشىسى مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى. شېھىت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ‹ئاچىل› دېگەن ناخشىسىنى تەقدىم قىلدى. مەن 2015-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بارغاندا تۇرپانغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغانىدىم، كېيىنكى يىللاردا ئۇ مازارلارنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. ‹ئاچىل› دېگەن بۇ ناخشا ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىكىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەركىنلىك گۈلىنىڭ ئېچىلىشىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلاندىم، ئاخىرى ئۈزۈمنى تۇتالماي سەھنىگە چىقىپ ئۇ ناخشىنى بىرلىكتە ئوقۇدۇم، بۇ، ئىچىمدىكى بىر تۇيغۇنىڭ پارتلىشى ئىدى، بەك گۈزەل ئۆتتى».

بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇ ئۆزى تونۇيدىغان كۆپ ساندا ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ ناھەق ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا، بەزىلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭغا مىسال كۆرسىتىپ بىر قانچە تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «سەنئەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش كېرەك، چوڭ كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىمىز كېرەك، يىغىن ئېچىش ۋە كونسېرت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى بىر مىللەت ئەمەسلىكىنى نەچچە مىڭ يىللىق بىر تارىخى بارلىقىنى، ئۇ تارىختا مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، تىل-ئەدەبىيات ئەسەرلىرى، خەلق ناخشىلىرى ۋە چالغۇ سازلىرى بىلەن ئۇلارمۇ دۇنيادىكى باشقا ھۆرمەتكە سازاۋەر مىللەتلەرگە ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئاللا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن، بىر كۈنى ئەركىنلىككە چىققاندا قەشقەردە قەھۋە ۋە چىلان چېيى ئىچىشكە، دوستلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە سۆھبەتلىشىشكە نېسىپ بولغۇسى».

ئەنگلىيەدە ياشايدىغان پىروفېسسور رايچىل خاررىس خانىم ۋە ئۇيغۇر سەنئەتچى ۋە پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «مىراس يىپەك يولى سەنئەت گۇرۇپپىسى» نىڭ سەنئەت كۆرسىتىش پائالىيىتى، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلانغان بولۇپ، پارىژ، سىتوكھولم، ئوسلو، قاتارلىق 6 شەھەردە سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتكەن.

ئۇلار 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىستانبۇلدا، 15-كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن سەنئەت كېچىلىكى بىلەن پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.