«ئىيى» پارتىيەسى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن كونسۇلخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.04.08
«ئىيى» پارتىيەسى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن كونسۇلخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويدى «ئىيى» پارتىيەسى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويدى. 2021-يىلى 7-ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاش ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈرك خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ «ئىيى» پارتىيەسى ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاينىڭ مەرال ئاقشەنەرگە ۋە مەنسۇر ياۋاشقا سالغان تەھدىتىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. 7-ئاپرېل كۈنى «ئىيى» پارتىيەسى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويدى. بۇلاردىن سىرت «ئىيى» پارتىيەسى بۇرسا شەھەر مەركىزىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينى ئەيىبلىدى.

7-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن «ئىيى» پارتىيەسى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ رەئىسى يەتكىن ئۆزتۈرك ئەپەندى، بەزى پارامېنت ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان نۇرغۇن كىشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. كېيىن ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۇلچەمبىرەك قويدى.

«ئىيى» پارتىيەسى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويدى. 2021-يىلى 7-ئاپرېل، تۈركىيە.

تۈرك ۋە چەت ئەللىك بولۇپو كۆپ ساندا مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتتە پارتىيە رەھبەرلىرىدىن يەتكىن ئۆزتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئاخبارات خادىملىرى، سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن شۇنى دېمەكچىمەنكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ دەرت-ئەلەملىرىگە ئورتاقلىشىدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەر دائىم زۇلۇمغا ۋە زالىمغا قارشى تۇرۇدىغانلىقىمىزنى، مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمىگە ھۆرمەت قىلماي، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە ئەنقەرە شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنىڭ 5-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىنى تىلىشى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. يەتكىن ئۆزتۈرك ئەپەندى باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بىلەن ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشقا تەھدىت سېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسىگە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق تۈركىيە دۆلىتىگە ۋە خەلقىگە قىلغان بۇ ھۆرمەتسىزلىكە قاراپ تۇرالمايمىز. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلماي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقان خىتاينىڭ دىپلوماتىيىلىك قائىدىلەرگە رىئايە قىلماستىن تەھدىت سېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئەڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئىش قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئاخبارات باياناتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئۈستىگە «ئەي خىتاي، بۇ يەر ئەنقەرە» دېگەن خەت يېزىلغان قارا گۈلچەمبىرەكنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قويغان. ئاندىن كېيىن قاتناشقۇچى ئاممىنىڭ چاۋاك ئاۋازلىرى ئاستىدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئايرىلغان.

6-7-ئاپرېل كۈنلىرى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدىكى مەسئۇللىرى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا «ئىيى» پارتىيەسى رەھبەرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، خەلق ئاممىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئالىمجان تۇردى ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ، تۈركىيەدە خىتايغا بولغان نەپرەتنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇدا ئىككى كۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

7-ئاپرېل كۈنى ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىن باشقا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بۇرسا شەھرىدىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا قولىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن كۆك بايراك كۆتۈرىۋالغان كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك خىتايغا قارشى شۇئارلار توۋلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.