ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى جان ئالغۇ ئەسۋاب - «T شەكىللىك ئۈزۈك» (1)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.07.24
xelchem-muhemmet.jpg 2014-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەگە يەرلىشىپ قەيسەرىدە ياشاۋاتقان خەلچەم مۇھەممەت خانىم. 2020-يىلى ئىيۇل، تۇركىيە.
Oqurmen teminligen

29-ئىيۇن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرى تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى تېما قىلىنغان ھەر تۈرلۈك خەۋەر، دوكلات، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى داۋام قىلماقتا.

دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە بىرقىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەزكۇر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنى ۋە ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدىن پىلانلىق تۇغۇت باھانىسىدە ئېلىپ بارغان بۇ خىل ۋەھشىي قىلمىشلىرىنىڭ پاكىتلىرىمۇ ئاشكارىلانماقتا.

يېقىندا رادىيومىزغا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئايال، لاگېردا ئۇزۇن مەزگىل قان توختىماي داۋالىنىشقا چىقىرىلغان بىر ئۇيغۇر ئايالدىن تۆت يېرىم سائەت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بالىياتقۇسىدىن ئېلىنغان تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابىنىڭ سۈرىتى بىلەن ئۇچۇرىنى يەتكۈزدى. قانغا مىلەنگەن گۆش پارچىلىرى ئارىسىدىكى بۇ قورقۇنچلۇق ئەسۋاب بۇ ئايالنىڭ بەدىنىگە مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رۇخسەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋاقتىدا ئېلىۋېتىلمەي بالىياتقۇسىغا پېتىپ زەخمىلەندۈرگەنىكەن. چەتئەلدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بۇ ئايالنى تۆت يېرىم سائەت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل تۇغۇت چەكلەش ئەسۋابىنى ئېلىش جەريانىدا ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئېغىر زەخىملەنگەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەمدى بالىلىق بولالماسلىق ئېھتىمالى بارلىقى ئېيتىلغان.

بىز بۇ ئايالنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلىرى پۈتمىگەن شارائىت ئاستىدا، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

ئەمما ئۇنىڭ تېنىنى 10 يىللارچە ئازابلىغان ۋە ئاخىرىدا زەخمىلىگەن بۇ ئەسۋابنىڭ سۈرەتلەرلىرىنى بىر قىسىم ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلىرىگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشتۇق.

«بۇ سۈرەتتىكى ئەسۋابنى تونۇدىڭىزمۇ ؟» دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن 25 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى، 2013-يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ئاياللار ساغلاملىق مەركىزى ئېچىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلگىنە خانىم مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئۈزۈكنى تونۇدۇم، T شەكىللىك ئۈزۈك بۇ. بەزىلىرى ھالقا شەكىللىك بىلەن تاياق شەكىللىك بولىدۇ. T ھەرپلىك شەكىللىك بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈزۈك بولۇپ، ئۇنى ئالماق تەس، ئۇنى ئالغاندا گۆشكە پېتىپ كەتكەنلىكتىن گۆشلەرنى يۇلۇپ چىقىدۇ. ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ، نېرۋىغىمۇ تەسىر قىلىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ».

مۇخبىر: «گۈلگىنە خانىم ئۈزۈكنى تونۇپ بەرسىڭىز، سىزگە تەكشۈرتكىلى كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللارىغىمۇ مۇشۇ تىپتىكى ئۈزۈك سېلىنغانلىرى بارمۇ ؟»

دوختۇر گۈلگىنە: «مەن تۈركىيەگە كېلىپ 2013-يىلىدىن باشلاپ ئاياللار ساغلاملىق مەركىزىنى ئاچتىم. بۇ ئارىلىقتا بۇ خىل ئۈزۈك سېلىنغان ئۇيغۇر ئاياللاردىن ئاز دېگەندە 200 نى كۆردۈم. 80 ئەتراپىدا پۈتۈنلەي بوغدۇرىۋەتكەن ئاياللارنىمۇ كۆردۈم. ئۈزۈك سالغانلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۈزۈك گۆشكە پېتىپ كەتكەن ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. ھەتتا ئۆزىمۇ مەڭگۈلۈك تۇغماس قىلىنغانلىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ خەۋىرى يوق. مەن كۆرگەن ئاياللاردىن يۈزدە 80% ئايالغا ئۈزۈك سېلىنغان. 60% ئايال بوغدۇرۇۋېتىلگەن، يەنى تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان. بۇ سەۋەبلىك جىسمانىي جەھەتتىن زەخمىلىنىپلا قالماي نېرۋىسىدىن ئاداشقان ئايللارنىمۇ ئۇچراتتىم.»

«T شەكىللىك ئۈزۈك» ھەققىدە گۈلگىنە خانىم 2020-يىلى-7 ئاينىڭ 18-كۈنى بەرگەن يازما گۇۋاھلىقىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن. «بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا، دوختۇرخانىلارنىڭ ئاياللار بۆلۈمىدە  Tشەكىللىك تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىT نى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. بۇ ئەسۋاب ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ تۇرۇبا يولى يەنى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۈزۈك سېلىش جەريانىدىمۇ ئايال كىشى قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلىدۇ.

ئاياللارغا بۇ خىل ئۈزۈك سېلىنغان كېيىن پۈتۈنلەي تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ خىل تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىنغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ تۇرۇبا يولى زەخىملىنىپ ياللۇغ پەيدا بولۇپ ئىششىش، شەلۋەرەش، يىرىڭلاش بولۇپ، ئېغىرلاشسا ئۆسمە-راكقا ئۆزگىرىپ قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈك بەك سۈپەتسىز بولۇپ ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇ تۇرۇبا يولىغا سېلىنغاندىن كېيىن تۇخۇم توشۇش نەيچە يولىغا پېتىپ كېتىدۇ ھەم كېيىن ئالماقمۇ تەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىك، قەشقەردىكى شەھەر-يېزا-قىشلاقتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرى ھالدا كەڭرى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىنى زەخىملەندۈرۈش، ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھالاك قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن. بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇچرىغان ئازابلىرى سان-ساناقسىز. بۇنى ئويلىسام ھازىرمۇ شۈركۈنۈپ كېتىمەن.»

تۇغۇت يېشىدىكى ۋە بالىلىق بولۇپ بولغان ئۇيغۇر ئاراللىرىغا مەجبۇرى ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىش ۋە بالىلىق بولۇپ بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇغۇت چەكلەش ئۈچۈن مەجبۇرىي ھالدا بالىياتقۇ تۇخۇم نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان ئىككى خىل ۋاسىتە ئىكەنلىكى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قوللىنىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، 2014-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەگە يەرلىشىپ قەيسەرىدە ياشاۋاتقان 55 ياشلىق خەلچەم مۇھەممەت خانىم ئۆزىنىڭ 26 يېشىدىن باشلاپ، يەنى 90-يىللاردىن باشلاپ كۈچەيتىلگەن مەجبۇرى تۇغماس قىلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئازاب بىلەن بايان قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن، مەن تۆتىنچى بالامنى تۇغقاندا 1992 يىلى ئۈزۈك سالدۇرغان. كۈندە پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ئۆيگە كېلىپ بېسىم قىلىپ ئاخىرى مەجبۇرى سالدۇرغان. جەرىمانە قويىمىز دەيدۇ، تۈرمىدە ياتىسىلەر دەپ قورقاتقاندىن كېيىن سالىمىز. يەنە ئايدا كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. مەن ئىككى قېتىم سالدۇرغان. ئۇ چاغدا بىرىنچى قېتىم پۇرژۇنلۇق ھالقا ئۈزۈكنى سالغان، سالغاندىن كېيىن بەك جىق قان كېلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن توختىماي ئاخىرى ئۆزى ئاجراپ چۈشۈپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىم مۇشۇ شەكىللىكنى سالدى، ئۇ چاغدىمۇ خۇن جىق كېلىپ توختىماي، ئاغرىپ كەتتىم. ئاغرىساممۇ سالماي ئامال يوق ئىدى. ئۈزۈكنى سالغاندىن كېيىن ھەر ئايدا 10 كۈن قان كېلىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياللار كېسىلى بولۇپ كەتتىم. جىق داۋالاندىم. دوختۇرخانا ۋە مىللىي تېبابەتتە داۋالاتتىم. 1996-يىلىغىچە دورا يەپ تۇردۇم. 2000-يىلى بالا ياتقۇدا ئۆسمە بار دەپ ئۈرۈمچىدە دىئاگنوز قويدى. ئۇزۇن يېتىپ كەتتىم. ئۆسمە كىچىككەن دەپ ئوپېراتسىيە قىلمىدى. دورا يەپ داۋالاندىم.

بۇلار خىتاينى 2015-يىلىدىن كېيىن پىلانلىق تۇغۇتنى مەجبۇرى قىلىۋاتىدۇ دەۋاتىدۇ، ئەمما 90-يىللىرىلا ئېغىر ئىدى. ئاياللارنىڭ 8-9 ئايلىق بولۇپ قالغان بالىلىرىنى ئوكۇل ئۇرۇپ، چۈشۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى ئەمەسمۇ.كېيىنكى سالغاندا ھەممىسى مۇشۇ خىل شەكىللىك، بۇنى ئالماق تەس، ئالغاندىن كېيىن گۆشنى يۇلۇپ چىقىدۇ. مۇشۇ بالىياتقۇ راك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاياللار بەك جىق. ئۈزۈكنى خالىغاندا ئېلىپ قويمايدۇ. ئۆلۈپ قالساقمۇ ئالمايدۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى ئۆلتۈرۈش. مەن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ياخشى بولالمىدىم، بالىياتقۇ ئۆسمىسىدىن باشقا ماڭا قان راكى كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويدى».

ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان 10 دىن ئارتۇق دوختۇر ۋە بىمارلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە مەجبۇرى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىدە ئاساسەن پۇرژىنىلىق مېتال ئورالغان شەكىللىك ئۈزۈكنى سېلىش ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم.

(مەزكۈر خەۋىرىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلىغايسىز)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.