جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارشى رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى
2021.09.16
د ئۇ ق خىتاينىڭ ب د ت دىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارشى رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.
ئامېرىكانىڭ شىۋېتسارىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن د ئۇ ق 16-سېنتەبىردىن باشلاپ جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارشى رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى باشلىغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 14-سېنتەبىر كۈنى كەچتە جەنۋەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسى ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇراسىمغا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە دېپلوماتلىرى بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى 2020-يىلى 22-سېنتەبىر ب د ت بىناسى ئالدىدا باشلىنىپ، بىر ھەپتە داۋام قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارشى رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنىڭ داۋامى ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنىڭ مەقسىدى ھەققىدە توختالغاندا، ئاساسىي مەقسەدنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دىكى ھەر تۈرلۈك ساختا تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جەنۋەدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ بىرقىسمى لوندۇندا 4 كۈن داۋام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى تۈگىتىپلا ئۇدۇل جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىرقىسمى د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى مەركىزىدىن كۆرگەزمە رەسىملىرىنى ئېلىپ جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن.
14-سېتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ جەنۋەدىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسى بىلەن باشلانغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى 19-سېنتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.