جەۋھەر ئىلھام: «خىتاي ھۆكۈمىتى گۇناھسىز كېسىلگەن دادام ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.09.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Jewher-Ilham-20191218-EU-Saxarow.jpg 2019-يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام سۆزدە. 2019-يىلى 18-دېكابىر.
AFP

خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي داىرىلىرى تەرىپىدىن 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. شۇ يىلى9-ئاينىڭ 23-كۈنى دائىرىلەر ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللى قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى بىلەن سوتلاپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. شۇندىن بۇيان خەلقئارادا ئىلھام توختىغا ھەر خىل ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرى بېرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم قاتارلىقلار زىيارەتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئۆزىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان دادىسى ئىلھام توختى ۋە ۋەتەندىكى باشقا ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالاممىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىنى ئەنسىرەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر ئىلھامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسى ئىلھام توختى 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلھام توختىنىڭ ئاتۇشتىكى جىيەن قىزى، يەنى ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ھەدىسىنىڭ ئىلھام توختىغا باغلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 10 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

جەۋھەر سۆزىدە يەنە دادىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئادالەتسىزلەرچە تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ دادىسىغا ئوخشاش تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جەۋھەر ئىلھام يەنە تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر ئىلھام يەنە ئۆزىنىڭ دادىسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 11-ئايدا ئۇنىڭ دادىسى ھەققىدە يېزىلغان ئىككىنچى كىتابى نەشردىن چىقىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنىستىتىتوتى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا يەنىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ ئىلھام توختىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىققاندىن بۇيان ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باراۋەرسىزلىكلەر ۋە تەڭسىز مۇئامىلىلەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ئەمەلىيەتتە يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە ھەل قىلىنماي كەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەر ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنى ئادالەتسىزلەرچە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغان. مانا بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە قارشى ھەرقانداق قارشى پىكىرنى قوبۇل قىلمايدىغان مۇستەبىت ھاكىمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىدىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مىللەت بويىچە خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.

«ئىلھام توختى ئىنىستىتىتوتى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-سېنتەبىر ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىنغا ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، شۇنداقلا ۋە ئىلھام توختى ھەم ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسىسلەر قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.