مۇتەخەسسىسلەر: «‹جوڭخۇا مىللىتى ئېڭى› نىڭ مەكتەپلەردە تەكىتلىنىشى، مىللىي كىملىكنى يوقىتىشنىڭ يەنە بىر ۋاستىسىدۇر»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.10.24
مۇتەخەسسىسلەر: «‹جوڭخۇا مىللىتى ئېڭى› نىڭ مەكتەپلەردە تەكىتلىنىشى، مىللىي كىملىكنى يوقىتىشنىڭ يەنە بىر ۋاستىسىدۇر» ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىلىق قۇربان نىياز ئاچقان «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى.
Social Media

شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، خىتايدا ئىزچىل تەشەببۇس قىلىنىپ كېلىۋاتقان «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا يەنە تەكىتلەنگەن.

20-قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىجاڭ ۋەكىللىرى» مۇ، شى جىنپىڭنىڭ «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىپادە بىلدۈرۈشكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ ئېغىزى ئارقىلىق، ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەۋاتقان قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىيازغا ئوخشاش «ئۈلگە» لەر ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرەيلى» سەرلەۋھەلىك تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىنغان. بۇ خەۋەردە ئۇچتۇرپان ئىماملىرىم بازىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ جوڭخۇانىڭ قۇربان نىيازنى مەدھىيەلەپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان.

ۋاڭ جۇڭخۇا قۇربان نىيازنى ماختاپ، «مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى، ئىماملىرىم بازىرىدىكى ‹ئىسلاھات پىداكارى› قۇربان نىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. ئۇ ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمىسى›، ‹جوڭخۇا مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى›، ‹دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى› قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، بالىلارنى قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق تەربىيەلەشتە ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۈلگىگە ئايلاندى» دېگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە داۋاملىق تەكىتلىنىشىدىكى مەقسەت، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلارنىڭ گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىش ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربان نىيازغا ئوخشاش ئاتالمىش «قىزىل ئۈلگە» لەر، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى «مىللىي مۇناپىق» دەپ تونۇيدىغان سىياسىي ئاكتىپلاردىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر گۈلنار ئېزىز خانىممۇ زىيارىىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىدە پۈتۈن كۈچى «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نامىدىكى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە مائارىپ مېتۇدى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل ئوقۇتۇش مېتودى، ياش ئەۋلاتلارنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنى يوقىتىشتا مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىكەن.

گۈلنار ئېزىز خانىم يەنە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا مەدھىيەلىنىۋاتقان قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىياز ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قۇربان نىيازغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان بۇ خىل كىشىلەر يوقۇرىغا يامىشىش ياكى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇدىكەن. بۇ خىل كىشىلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مېڭىسى يۇيۇۋېتىلگەن، ئۆز مىللى كىملىكى ۋە غۇرۇرىنى ئالىقاچان يوقاتقان كىشىلەر ئىكەن.

چەت ئەللەردىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ مائارىپ ئارقىلىق «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ياش غۇنچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ كەلگۈسىدە ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.