كامبودژادىن قايتۇرۇلغان شەھىدە قۇرباننىڭ 4 ئايلىق ھامىلەسى قىيىن-قىستاق سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.11.21
tor-telegraf-aldamchiliq-saqchi-qara-xalta-Xinhua-AP بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق گۇماندارلار ئافرىقىدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 13-فېۋرال، بېيجىڭ
Xinhua/AP

خىتاي دائىرىلىرى 2009‏-يىلى كامبودژادىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدىن شەھىدە قۇرباننى قۇچاقتىكى ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە 6 ئايلىق سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ سوراق جەريانىدىكى قىيىن-قىستاقلىرى ۋە سوت ھۆكۈمىدىكى ئېغىر قاماق جازالىرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندە، خىتاينىڭ شۇ قېتىمقى ۋەھشىيلىكى ۋە ساختىپەزلىكى يېڭى بىر پاكىت بىلەن ئاشكارىلاندى. ئىنكاس قىلىنىشىچە ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دەلىللىشىچە، ئەينى چاغدا ھامىلىدار ھالەتتىكى شەھىدە قۇربانمۇ باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاشلا ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ 4 ئايلىق ھامىلەسى قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەن.

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ تۈركىيەدىكى تۇغقىنى ئايشەمگۈل خانىم ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، شۇ قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەينى چاغدا ئېغىر دەرىجىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئايشەمگۈل خانىمنىڭ دېيىشىچە، كامبودژادىن قايتۇرۇلغانلار ئەڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ 8 كۈن سوراق قىلىنغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاقسۇ ۋە قەشقەرلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ سوراق داۋام قىلغان.

ئايشەمگۈل خانىم ئەينى چاغدا شەھىدە قۇربان بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ 4 ئايلىق ھامىلەسىنىڭ قىيىن-قىستاق جەريانىدا قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، شەھىدەنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغان. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، شەھىدە قۇرباننىڭ بالاياتقۇسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ كېسەلچان بولۇپ قالغان. ئايشەمگۈل خانىم ھەتتا 2014‏-يىلى چەت ئەلگە چىقىشنىڭ ئالدىدىمۇ شەھىدەنى يوقلاپ بارغىنىدا دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ھالىتىدە كۆرگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەھىدە قۇربان نوپۇسلۇق بولغان قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ئائىلىگە مەسئۇل كەنت ساقچىسى، ئايشەمگۈل خانىم تەمىنلىگەن يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

شەھىدە قۇربان 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 19‏-كۈنى كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇردىن بىرسى ئىدى. مەزكۇر 20 ئۇيغۇر، 2009 ‏-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى تۇتقۇندا خىتاي ئۆلكىرى ئارقىلىق دەسلەپتە ۋېيتنامغا قېچىپ چىققان. شۇ چاغدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى مۆكۈنۈپ ياتقان ۋىيېتنامدىكى بىر ئورمانلىقتىن ئېلىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ كامبودژادىكى ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ب د ت بۇ 20 ئۇيغۇرغا ۋاقىتلىق پاناھلىنىش رۇخسىتى بەرگەن ۋە بۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3-بىر دۆلەتنى ئىزدەۋاتقان چېغىدا، خىتاي تەرەپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، يەنى كامبودژاغا زور مىقداردا ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، بۇ 20 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى.

ئەينى چاغدا ئامېرىكا، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە كامبودژانى ئەيىبلىگەن؛ خەلقئارادىكى 68 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىمۇ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى سوت تەرتىپىنىڭ ئاشكارا ۋە ھۆكۈمىنىڭ ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي تەرەپ 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۇلاردىن مۇتەللىپ مامۇت قاتارلىق 4 نەپىرىگە مۇددەتسىزدىن، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر قاتارلىق 4 نەپىرىگە 20 يىللىقتىن، مۇسا مۇھەممەد قاتارلىق 4 نەپىرىگە 17 يىللىقتىن، ئابدۇقادىر ئابدۇغېنى قاتارلىق 4 نەپىرىگە 16 يىللىقتىن قاماق جازاسى بەرگەن. سوتتىن كېيىن خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى شەھىدە قۇرباننى ئىككى بالىسى بىلەن قويۇپ بەرگەنلىكى ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سوراق جەريانىدىكى ۋەھشىيلىك ۋە سوتتىكى ئادالەتسىزلىكنى خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.