كانادانىڭ 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويۇشى قارشى ئېلىنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.12.12
kanada-canada-jaza-uyghur-emeldar-1920 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى خاتىرىلىنىۋاتقاندا، كانادا تاشقىي ئىشلا ر مىنىستىرى (Melanie Joly ) مېلانى جولى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان سابىق ۋە ھازىر ۋەزىپىدىكى جەمئىي 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى
Photo: RFA

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى خاتىرىلىنىۋاتقاندا، كانادا تاشقىي ئىشلا ر مىنىستىرى (Melanie Joly ) مېلانى جولى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان سابىق ۋە ھازىر ۋەزىپىدىكى جەمئىي 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كانادا، بۇ قېتىم جازا يۈرگۈزۈلگەن 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەركىن تۇنياز، سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ سابىق قوماندانى پېڭ جيارۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى خو ليۇجۈن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ياۋ چۈەن، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ يىڭجې ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ خوڭبو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان زوراۋانلىقلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئېمبارگو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئېتىقادچى خەلققە، جۈملىدىن شىنجاڭ، تىبەت خەلقى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشقا قارشى يولغا قويۇلغان.

مېلانى جولى ئېمبارگو ھەققىدىكى باياناتىدا: «كانادا شىنجاڭدا 2017-يىلدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇلاردىن نۇرغۇن كىشى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا؛ روھىي، جىسمانىي ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا» دېگەن.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو ئېلان قىلىشى ھەر ساھەنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. ئاخباراتلاردا «كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بۇ دادىل ھەرىكىتى، كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى» دەپ قارالماقتا. «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا جازا يۈرگۈزگەن. بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە لاگېرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور ئادرىيان زېنس رادىيومىزغا يوللىغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كانادا بۇرۇنلا مۇشۇنداق قىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمدى بولسىمۇ شۇنداق قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ياۋروپا بۇ جەھەتتە ئارقىدا قالدى، ئۇلار تېخى چېن چۇەنگوغا جازا بەرمىدى. ئەركىن تۇنيازغا جازا بېرىش ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئۇ دۇنياغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ئەلچىسى، كانادا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن پىروفېسسورى، دوكتور چارلىز بۇرتون، كانادانىڭ خىتايغا قوللانغان تەدبىرىگە بەرگەن باھاسىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتتى. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«بۇ جازالار كېچىكىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى چېن چۇەنگو، ئۇ تىبەت ۋە كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سېكرېتارى بولغان؛ ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق تۈركى مىللەتلەرنى باستۇرۇشتىكى ئاساسلىق شەخس بولۇپ، 2017-يىلى تۇنجى قېتىم خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەمما چېن چۇەنگو ئۆزىنىڭ چەت ئەلدە مال-مۈلكى ۋە ئائىلىسى يوقلۇقىنى جاكارلىغان ھەم چەت ئەلدە ساياھەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. يەنە كېلىپ ئۇ ۋەزىپىسىدىن قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا ھەقىقىي جازا ئەمەس، بەلكى سىمۋول خاراكتېرلىك جازا. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشتا رولى بار پېڭ جيارۈي، خۇ ليۇجۈن ۋە شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئەمەلدارلارغا بېرىلگەن جازامۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كانادانىڭ بۇ تەدبىرى، كانادانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كانادا ۋە باشقا جايلاردىكى ئائىلىلىرىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بېرىدۇ؛ ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.»

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى 10-دېكابىر بەرگەن باياناتىدا يەنە تەكىتلەپ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا چاقىرىمىز» دېگەنىدى.

ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكى چەكلىنىش قاتارلىق دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ تەشكىلات كانادا ھۆكۈمىتىگە يۇقىرىقى 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ئائىت پاكىتلارنى تەمىنلەپ، ئۇلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىكەن.

مەمەت توختى ئەپەندى يەنە ئېمبارگونىڭ بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر جازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كانادادىكى ھەر قانداق مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ، شۇنداقلا كانادالىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن ھەر قانداق مال-مۈلۈك مۇئامىلىسى قىلىشى، ئۇلارغا ئىقتىسادىي مۇلازىمەت ياكى باشقا مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى چەكلىنىدۇ».

كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە خىتايغا قارشى ئالغان بۇ دادىل قەدىمى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.

«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-دېكابىر كۈنى بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، كانادانىڭ 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلىشىنى، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دېگەن.

2018-يىلى خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجو كانادادا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، كانادا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقان بولۇپ، خىتايمۇ ئىككى كانادالىقنى قولغا ئالغان، كېيىن بۇ ئۈچىنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەنىدى.

كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنېفېر مېي(Jennifer May)، 19-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدى. جېنېفېر مېي خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى، بولۇپمۇ كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە غەرب دۆلىتى پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشقا يول قويۇلغان تۇنجى غەرب باش ئەلچىسى بولۇپ قالغانىدى.

كانادا ھۆكۈمىتىدە 40 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان، كانادانىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى، خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان مارگېرىت جونستون خانىم (Margaret Johnston)زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ تولىمۇ قىزىقارلىق تەرەققىيات، كانادا ھۆكۈمىتى ئېمبارگو ئېلان قىلغان بۇ تىزىملىكتىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار. كانادانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان تىرىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بار. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى پەقەت كالېندارغىلا يېزىلغان بىر كۈن بولماسلىقى، بەلكى ئىنسانىيەتكە زۇلۇم سالغۇچىلارنى جازالاش بىلەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كانادا ئۇلارغا دەل مۇشۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە جازا ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى ۋە ئۇنى نامايەندە قىلدى دەپ ئويلايمەن.»

مارگېرىت خانىم يەنە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىققا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بۇ جازانىڭ ئېلان قىلىنىشىنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش بولۇپمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەھەتتىكى تۇنجى ۋە ياكى ئاخىرقى تەدبىرى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىشىنىمەنكى كانادا بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلىرى يەنە دااۋام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش قارارى بۇنىڭ بىر مىسالى، تېخى ئۆتكەن ھەپتە بۇنىڭ تۇنجى بەھرلەنگۈچىسى كاناداغا يېتىپ كەلدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.