خىتاي كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى جازالىغان
2024.12.23

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»، «كانادا تىبەت كومىتېتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ئىككى تەشكىلات ۋە ئۇلارنىڭ 20 خادىمىنى جازا تىزىملىكىگە ئالغان. تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ 15 نەپىرى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» دىن، قالغان 5 نەپىرى «كانادا تىبەت كومىتېتى» دىن ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل ئېمبارگولىرىغا قارشى تۇرۇش جازا قانۇنىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-، 9- ۋە 15-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ‹ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى›، ‹كانادا تىبەت كومىتېتى› ۋە خادىملىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك ۋە باشقا تۈردىكى مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدۇ. خىتايدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا، ھەمكارلىق ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى چەكلىنىدۇ. ئۇلارغا ھېچقانداق ۋىزا بېرىلمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ (بۇ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ قارار 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ».
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىغا قارشى يۈرگۈزگەن جازا ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ‹ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى› نى خىتاينىڭ كانادادا پىلانلىغان پىروگراممىلىرى، كاناداغا سىڭىپ كېرىشى ۋە ئادەم يەرلەشتۈرۈلۈشىنى بۇزىدىغان ھەم خىتاينىڭ يولىنى توسىدىغان تەشكىلات دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەبتىن تەشكىلاتتىكى بارلىق خادىملىرىمىزغا جازا بەردى».
مەمەت توختى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ۋە «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى›دىكى خادىملارنىڭ خىتايدا ئۆي-مۈلۈك ۋە باشقا تۈردىكى مال-مۈلۈكلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ بەرگەن بۇ جازاسىنىڭ ئۆزى ۋە باشقا خادىملارغا سەلبىي تەسىر قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئەكسىچە ئىجابىي تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
12-ئاينىڭ 10-كۈنى كانادا تاشقى ئىشلا ر مىنىستىرى مېلانى جولى(Melanie Joly) كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان سابىق ۋە ھازىر ۋەزىپىدىكى جەمئىي 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ قېتىم جازا يۈرگۈزۈلگەن 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەركىن تۇنياز، سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ سابىق قوماندانى پېڭ جيارۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى خو ليۇجۈن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-دېكابىر كۈنى بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، كانادانىڭ 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلىشىنى، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دېگەن.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بۇ تەشكىلات كانادا ھۆكۈمىتىگە يۇقىرىقى 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ئائىت پاكىتلارنى تەمىنلەپ، ئۇلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىكەن. مەمەت توختى ئەپەندى ئاخىرىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بەرگەن جازاسىنى ئۆزىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىگە بېرىلگەن «شەرەپ مېدالى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
كانادا تاشقى ئىشلا ر مىنىستىرى مېلانى جولى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «كانادا شىنجاڭ ۋە تىبەتتە ھەم فالۇنگۇڭ يۇرتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ».
بىز بۇ ھەقتە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇلاردىن دەرھال ئىنكاس تاپشۇرۇۋالمىدۇق.