كانادانىڭ تورونتو، كالگېرى، ۋانكوۋېر شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم كانادادىكى IDRF، يەنى «مۇسۇلمانلار خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كانادانىڭ تورونتو، كالگېرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە دوكلات بەرگەن.

ئۇ مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي باستۇرۇشى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى، يىغىن ئەھلىنىڭ بۇ دوكلاتلارغا قارىتا ئىنكاسىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى ۋە يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قۇيغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ قېتىم كانادانىڭ تورونتو، كالگېرى، ۋانكوۋېر شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادانىڭ تورونتو، كالگېرى قاتارلىق جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا «ماگنېتىسكى قانۇنى» بويىچە جازالاش تەدبىرلىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرىنى كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئاڭلىتىش قاتارلىق تېمىلار بويىچىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مەمەت توختى ئەپەندى تورونتو ۋە كالگېرى ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇش، ئۇلارنىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېلىشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم يەنە 21-يانۋار كۈنى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە كانادادىكى ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا خىتاينىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن، ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتىگە قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە يېپىق شەكىلدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە شۇ كۈنى كەچتە «خوڭكوڭغا ياردەم تەشكىلاتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋانكوۋېردىكى بىرىتانىيە كولۇمبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە روشەن ئابباس خانىملارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كانادا زىيارىتىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ جايلىشىش ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققان خىتاي پائالىيەتچىسى شاۋن جاڭنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇچرىشىشتا ئۇلار خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى لاگېرلار ئەتراپىدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغان.

روشەن ئابباس خانىم «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى نامىدىن شاۋن جاڭ ئەپەندىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.