كانادا پارلامېنت ئەزاسى: «ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋان كۈچكە قارشى كۈچلۈك تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم»
2023.07.19

كانادا پارلامېنتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن (Sameer Zuberi) سامىر زۇبەرى 18-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرىگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن چوڭ بىر «زوراۋان كۈچ» بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقى، بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ «زوراۋان كۈچ» كە قارشى ئىزچىل كۈچلۈك تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار كۈچلۈك بولغاندىلا ئاۋازىنى ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىياسىيونلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. سامىر زۇبەرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش ئىكەنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سامىر زۇبەرىدىن سىرت، كانادا پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ئارنولد ۋېئىرسېن ۋە پارلامېنتنىڭ كيۇبېك گۇرۇپپىسىدىن بولغان ئەزاسى ئاندرېين لارۇش خانىمدىن تەشكىل تاپقان 3 كىشى، ۋاشىنگتونغا قىلغان بىر ھەپتىلىك خىزمەت زىيارىتى ئەسناسىدا 19-ئىيۇل ئۇيغۇر مەركىزىدە بەلگىلىك ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا ئۇلار كانادانىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا ئېلىپ كېلىش پىلانىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆز قىلغان ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
سامىر زۇبەرى مۇنداق دېدى: «ماھىيەت جەھەتتىن ئەگەر بىر دۆلەت، بىر زوراۋان كۈچ زىيانكەشلىك قىلماقچى بولسا، ئۇلار پەقەت بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغاندا، رەسمىي بۇيرۇق بېرىلمىگىچە بۇنى قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا پۈتۈن بىر دۆلەت بىرلىشىپ سىزگە ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولغاندىمۇ، يازما بۇيرۇق بولمىسا بۇمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ. شۇڭا، شۇنى بىلىڭلاركى، قىلىۋاتقان بۇدەۋادا سىلەر زوراۋان بىر كۈچ، قۇدرەتلىك بىر كۈچ بىلەن قارشىلىشىۋاتىسىلەر. ھېچقانداق كۈچ رەسمىي بۇيرۇق بولمىسا سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. شۇڭا، شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلاركى، ھەرىكىتىڭلاردا ھەمىشە كۈچلۈك تۇرۇڭلار. سىلەرنىڭ كۈچلۈك تۇرۇشۇڭلار ئىنتايىن مۇھىم».
سامىر زۇبەرى كانادا پارلامېنتىنىڭ 2021-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى، شۇنداقلا بۇ يىل كانادانىڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-قارارنامىلىرىنىڭ چىقىرىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان سىياسىيوندۇر. سامىر زۇبەرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش مۇساپىسىدە كۈچلۈك تۇرۇشى، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىياسىيونلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىلھام بولىدىكەن.

ئۇچرىشىشتا كانادا پارلامېنتى كيۇبېك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئاندرېين لارۇش (Andreanne Larouche) خانىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئاندرېين لارۇش: «بىزنىڭ پارتىيەمىز ھەمىشە بۇ مەسىلىنى ئويلايدۇ. بۇنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەتراپلىق ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا مەۋجۈتلۇق مەسىلىسى، سىلەرنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە قالتىس ۋە ئىنتايىن ئېسىل، ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل مەدەنىيىتىڭلار بىلەن ياشاش ھەققىڭلار بار. مەن ھەممىڭلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن» دېدى.
بۇ كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مەركىزىگە كېلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بۇنداق بىر ئۇچرىشىشىتا بولۇشىدۇر. ئاندرېين لارۇش خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئاياللار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسى چوڭ بىر مەسىلە ئىكەن.
ئاندرېين لارۇش مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىمىز ئاياللارنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى. ئۇلار ئىزتىراپ چەكمەكتە، بالىلارمۇ قىينالماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەك مۇھىم ئىشلار. بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسى سىزنى بۇ بالىلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ۋاقىپ بولۇشىڭىزغا مەجبۇرلايدۇ. بۇ بەك ئېچىنىشلىق، شۇنداقلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن بەك قورقۇنچلۇق. مەن 17 ئايلىق بىر قىزنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىدە بارلىق بالىلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىدە ياشىيالىشى ئىنتايىن مۇھىم».
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ھەمراھ بولغان. ئۇچرىشىشتا تۇنجى بولۇپ سۆز ئالغان مەمەت توختى، كاناداغا 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، تەييارلىق خىزمىتى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
مەمەت توختىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەزى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىدە كانادا بىلەن ھەمكارلىشىشتا ئىستەكسىز بولسىمۇ، ئەمما كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىرادىسى كۈچلۈك ئىكەن. مەمەت توختى: «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ۋەدىسى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇنىڭدا باش مىنىستىر، مۇئاۋىن باش مىنىستىر، كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى، پۈتكۈل پارلامېنت بىردەك. پارلامېنتنىڭ بىز بۇ ئىشنى قىلىمىز، دېگەن ئورتاق مەيدانىنى كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت بۇ پىلاننىڭ ئاخىرقى شەكلى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە. بۇنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈپ چىقىشىغا ئۈمىدۋارمىز» دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن سامىر زۇبەرى ئۇيغۇر مەركىزىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق خىرىس ۋاقىت مەسىلىسى، يەنى بۇ پىلاننى كېچىكتۈرمەي ئىجرا قىلىش مەسىلىسى ئىكەن. ئۇ، 10 مىڭ ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇ نېمە، دەپ قارايسىز، دېگەن سۇئالىمىزغا: «ئاساسلىق رىقابەت شۇكى، مېنىڭچە بىز بۇنى مەلۇم جەھەتتىن كېچىكتۈرمەسلىكىمىز ۋە تولۇق ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بۇ، يەنى ھازىرقى ئاساسلىق خىرىس» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى كانادا پارلامېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكاغا ئوخشاش تېخىمۇ كۈچلۈك چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى. سامىر زۇبەرىنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان يەنە بىر قانۇن لايىھەسى سۇنۇشنى كېلەر يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزگەن. سامىر زۇبەرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بۇ قانۇننىڭ بىردىن-بىر چىقىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سامىر زۇبەرى مۇنداق دەيدۇ: «مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىي چىقىش نۇقتىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بۇنىڭ بىردىن-بىر چىقىش نۇقتىسى. شۇڭا، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يەتتى ھەم قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە تاغىل تۇرۇشنى پىلانلىماقتا».
كانادا پارلامېنتى بۇ يىل 5-ئايدا S-211 ناملىق بىر قانۇن ماقۇللاپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكىنى چەكلەش قەدىمىنى كۈچەيتكەن. لېكىن بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كانادا پارلامېنتىدىكى بەزى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە چوڭقۇر ۋە كەڭ كۆلەملىك مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارالغان. ئۇلار كانادانىڭ ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»» غا ئوخشاش كۈچلۈك قانۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ كانادانى ئۇيغۇر مەجۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «تۆكمە بازىرى» قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدى.