فېرنەندو بىرگېس: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلىنىشى-‹تۈلكە› نى ‹توخۇ› غا قاراۋۇل قىلىپ قويغانلىق»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.04.20
jyang-duen-jiang-duan.jpg ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جياڭ دۇەن يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 2-ئاپرېل، جەنۋە.
unwatch.org

ئىگىلىنىشىچە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 82 ئورگان ۋە تەشكىلات بىرلىشىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە مۇراجىئەتنامە يوللىغان. مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جياڭ دۇەننىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جياڭ دۇەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، يۇقىرىقى بىرلەشمە مۇراجىئەتنامىدە ئۇنى ۋەزىپىسىدىن دەرھال ئېلىپ تاشلاش تەلەپ قىلىنغان.

بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئەپەندى، ئومۇمىي يىغىن ئۈچىنچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستىيان براۋن ئەپەندى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئېلىزابېت تىچى-فىسلبېرگېر خانىم، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىم ۋە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا كۆرسەتكەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى گۇرۇپپىسىنىڭ 55 ئەزاسىغا سۇنۇلغان. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

«بۈيۈك ئېرا» گېزىتىنىڭ 8-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يەتتە نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا بىرلەشمە مەكتۇپ تەييارلاپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلىنىشىگە قارشى تۇرغان ئىكەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى سىياسىي ئانالىز بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى فېرنەندو بىرگېس بۇ بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي يېڭىدىن دائىمىي ئەزالىققا تەيىنلەنگەن بۇ ئورۇن ب د ت دىكى ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئورۇن. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە قارار چىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە، خىتاي ئۈنۈملۈك ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 17 تۈرلۈك تەرتىپىنى ئاجىزلاشتۇرالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تەسىرى كۈنسايىن كۈچىيىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ب د ت نىڭ سىستېمىسىنى كونترول قىلىشقا باشلايدۇ. يەنى خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلىنىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى ‹تۈلكە› نىڭ ‹توخۇ› غا قاراۋۇل بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش، خالاس.»

بىرلەشمە مۇراجىئەتنامىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدەك بۇنداق بىر تەسىرى كۈچلۈك ئورۇنغا خىتاينىڭ دائىمىي ئەزا بولۇپ تەيىنلىنىشى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان، ئۈمىدىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا باغلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مۇراجىئەتنامىدە يەنە خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشكە تىرىشقان دوختۇر لى ۋېنلياڭ قاتارلىقلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، دۇنياغا بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭېشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلەش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىق،» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ ئورگاندىكى دائىمىي ئەزالىقى خۇددى ‹قوينى بۆرىگە ھاۋالە قىلغانلىق» بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشقا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ ئورۇنغا باش تىقىشى بىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىشى ئىنتايىن زۆرۈر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.