ياۋروپا دۆلەتلىرىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2018.07.05
فىرانسىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
شىۋېتسىيە بىلەن فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر جامائىتى شۇ ئەللەردىكى بىر قىسىم تۈرك قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ باردى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئايبۇۋى ئەركىن خانىم ۋە باشقا نامايىش قاتناشقۇچىلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
نامايىشچىلار قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان ھالدا «5-ئىيۇلنى ئۇنتۇمايلى»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ۋە «تېررورچى خىتاي» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئەتراپنى لەرزىگە سالغان.
ئايبۇۋى ئەركىن خانىم بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ نامايىشنىڭ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
رىسالەت ئارىپوۋا خانىم فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولۇپ بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى تاقاشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئارقىدىن جۈرئەت ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ چىقتى. ئۇ ئوقۇپ ئۆتكەن باياناتىدا ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى جۈرئەت ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغان كۆپەيگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇمكى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگىلى 9 يىل بولدى. ئۇنداقتا، بۇ 9 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا 9 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلاشقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندىمۇ بۈگۈن ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، قولىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىتوكھولمنىڭ مەركىزىدىكى مەيداندىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغىچە بىرقانچە كىلومېتىر پىيادە مېڭىپ شوئار توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى نامايىش جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگىمۇ كۆپ ساندا ۋاراقچە تارقاتقانلىقىنى، نامايىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
فىرانسىيە ۋە شىۋېتسىيەلەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئەرلەردىن باشقا يەنە كۆپ ساندىكى بالىلار ھەم ئاياللارمۇ قاتناشقان. خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىنى ئۇزۇنغىچە شوئار سادالىرى بىر ئالغان. جەۋلان قىلىپ تۇرغان قانچىلىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ياشلار يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان ۋە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.